欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾克拜尔·卡司木故意伤害案)

2021-09-21 独角龙 评论0

乌鲁木齐市人民检察院

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

  ئەيىبنامىسى

                                  ئۈ ش ت 1 ب ج ئە 〔2020〕 3–نومۇرلۇق 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

      جاۋابكار ئەكبەر قاسىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501051982، ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئادرىسى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ** يولى غەربى **-كوچا**-قورو**-بىنا**-ئىشىك **-نومۇر. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 28- كۈنى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلغان. 

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئەكبەر قاسىمنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى 2019-يىلى 11-ئاينىڭ  26-كۈنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكارنىڭ ھوقوق-مەجبۇرىيتىنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكارنى سوراق قىلىپ، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈردۇق.

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

     2019 -يىلى 9- ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە، جاۋابكار ئەكبەر قاسىم بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نەXX  ئىككەيلەن  ئەكبەر قاسىمنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى ** يولى غەربى **-كوچا **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە بىللە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا تاكاللاشقان. سائەت 10لەر ئەتراپىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نەXX جاۋابكار ئەكبەر قاسىمنىڭ ئۆيىدىن يېنىپ چىققاندىن كىيىن ئۇلار ئىككىسى يەنە بىنانىڭ سىرتىدا مەستچىلىكتە داۋاملىق تىللىشىپ سوقۇشقان، بۇ جەرياندا جاۋابكار ئەكبەر قاسىم چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر دانە 30سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىچاقنى چىقىرىپ نەXXنىڭ قورساق تەرىپىگە كەينى-كەينىدىن بىر نەچچە قېتىم پىچاق تىققان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نەXX  قېچىپ 40مىتىرلارچە ماڭغاندىن كىيىن ھالسىزلىنىپ ئولتۇراق بىنا ئالدىدىكى يول بويىدا يىتىپ قالغان. ئارقىدىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددى قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن. جاۋابكار ئەكبەر قاسىم نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىنىڭ ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ 2019-يىلى 634-نومۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدا ئۆلگۈچى نەXXنى باشقىلار تاق بىسلىق ئۆتكۈر قورال ( تاق بىسلىك پىچاق تۈرىدىكى) نى سول تەرەپ قورساق ئۈستىنكى قىسمىغا تىقىپ جىگەرنىڭ ئوڭ قانىتىنى يېرىۋەتكەنلىكتىن قانسىراپ ئۆلگەن دەپ بىكىتكەن.   

يۇقىرىقى پاكىتلارنى بېكىتىدىغان دەلىل – ئىسپاتلار: 

     1. يازما ئىسپات؛

     2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛  

     3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 

     4. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

     5. باھالاش پىكىرى؛ 

     6.  ئۈن-سىن ماتېرىيالى.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئەكبەر قاسىمنىڭ باشقىلارغا پىچاق تىقىپ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 232-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ھەم تولۇق، جاۋابكار ئەكبەر قاسىمنى قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن  مەھكىمىڭلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشىڭلارنى سورايمىز.

               تەپتىش: تاشمەمەت يارمەمەت

               ياردەمچى تەپتىش: رەناگۈل ھاجى

              -2020 يىلى -3ئاينىڭ 18-كۈنى

ئىلاۋە: 

1.ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى 3توپلام، 8دانە پىلاستىنكا، مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسقا ئەيىبنامىسى دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى؛ 

     2. جاۋابكار ئۈرۈمچى شەھەرلىك1-قاماقخانىدا قاماقلىق.

  

   

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top