欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某危险驾驶犯罪认罪认罚)(公开版)_阿克陶县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

阿克陶县人民检察院 

起 诉 书

阿克陶县检刑检刑诉〔2020〕191号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                       ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 191 -نومۇرلۇق     

     جاۋاپكار ئە**، ئەر ،  ئۇيغۇر، 1987-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ********6530221987 ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: دېھقان،سىياسى قىياپىتى:ئامما،ئىلگىرى جازالانمىغان.

 نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا ** كەنت** يولى ***-نۇمۇر.           

   جاۋاپكار ئە** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2020-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 12-ئاينىڭ8-كۈنى جاۋاپكار ئە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبول قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش »تۈزۈمىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق،جاۋاپكارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دېلوغا «تېز ھۆكۈم چىقىرىش» تەرتىپىنى قوللاندۇق.

  تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە : 

2020-يىلى7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 00:00 لەردە جاۋاپكار ئە** پراۋىسىز،مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ،نۇمۇر تاختىسى يوق «زوڭشىن» ماركىلىق ،قىزىل رەڭلىك ،ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتنى ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا جاي كەنت ئالدىدىن ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا چىكە كەنتكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ،ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا چىكە كەنت 8-مەھەللە يول بۆلىكىگىچە خەتەرلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى بارىن يېزا ساقچىخانىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ ،نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،ئە**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

  شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)3659-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىدە ئە**نىڭ 100مىللىلىتىر قېنى تەركىۋىدە 178مىللىگىرام {178mg/100ml }ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

     يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

1-​ يازما ئسپات

1-​ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى

1-​ باھالاش پىكىرى

    4-  نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.

مەھكىمىمىز : جاۋاپكار ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق،مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دېلونى «تېز ھۆكۈم چىقىرىش » تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىپ ،جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا ئۈچ ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى،قوشۇمچە 6000يۈەن شىتىراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز ، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز . 

ھۆرمەت بىلەن :

                   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق

                   سوت مەھكىمسگە: 

                                تەپتىش  : نۇرىمان تۇرسۇن

                                تەپتىش ياردەمچىسى  :دىلشات ھاكىم

                                     2020 يىلى  12- ئاينىڭ 16-كۈنى

   ئىزاھات: 

1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە. 

2 –جاۋاپكار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىدى.

3-«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »، ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا ج خ  دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top