博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕239号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 239-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئە*، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىل **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، سالاھىيەت كىنىشكە نومۇرى: 6527011988********، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : بورتالا شەھەر * كەنتى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى *ساقچىخانىسى. 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن، شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرىتتا.
مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى (2020) 191-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئە*نى قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2020- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 2 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ئە* ھاراق ئىچىپ،新E-***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى بەلگىلەنگەن سۈرەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، بورتالا شەھەر *كەنتىدىكى جەنۇپ شىمال يولىنى بويلاپ جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ، * يولىنىڭ جەنۇپ تەرەپ 910 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ماشىنا كونتىروللىقىنى يوقۇتۇپ يولنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ئىستولبىغا سوقۇلۇپ، ماشىنىدا ئولتۇرغۇچى ئا*نىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىشى، ئە*، ماشىنىدا ئولتۇرغۇچى سە*، يا* م* قاتارلىقلارنىڭ يارلىنىشى ۋە ماشىنىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بورتالا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى چىقارغان قاتناش ۋەقە ئىتراپنامىسىدا، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئە* بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئا*، س*، ي* م* قاتارلىقلاردا مەسئۇلىيەت يوق دەپ بىكىتكەن.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئە*نىڭ قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133 ماددىسىغا ئاساسەن قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىدۇ. جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار كېپىلككە بېرىلگەن، ھازىر سىرىتتا.
2) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاچىلار تىزىملىكى، ج خ ئىككى توپلام، تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论