شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) 495-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئەXX، ئەر، 1984-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011984، ئۇيغۇر،ئالىي تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئونسۇ ناھيە XX بازار XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ئەXX ھازىر ئائىلىسىدە.
خXX، ئايال، ئۇيغۇر، 67 ياش، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە XX بازار XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكۈچى.
مXX، ئايال، ئۇيغۇر، 4ياش، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە XX بازار XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكۈچى.
سXX، ئايال، ئۇيغۇر، 5ياش، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەXX بازار XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكۈچى.
نXX، ئايال، ئۇيغۇر، 1ياش، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە XX بازار XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە يىنىك 1-دەرىجلىك زەخملەنگەن.
مXX، ئايال، ئۇيغۇر، 34 ياش، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە XXبازار XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە يىنىك 2-دەرىجلىك زەخملەنگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ئەXXنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچنىڭ ئائىلە تاۋاباتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئادەتكى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئەXX 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 18 دىن 30 مىنۇتلار ئەتىراپىدا، 新NXXXXX نۇمۇرلۇق يەتتە كىشلىك كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلغا خXX، مXX، رXX، سXX (6ياش)، مXX (5ياش)، نXX (1ياش)، مەXX قاتارلىقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ (بەلگلەنگەن ئادەم سانىدىن بىر ئادەم ئارتۇق) ھەيدەپ Z620-لىنيە 39-كىلومىتىر 700 مىتىرلىق يول بۆلىكىدە، شەرىقتىن غەرىپ يۆنلىشىدە يول يۈرۈپ، ئاپتۇموبىل سۈرئىتى تىز بولغانلىقتىن ئاپتۇموبىل كونتروللىقىنى يوقۇتۇپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن. نەتىنجىدە خXX، مXX، سXX زەخملنىپ ئۆلۈپ كەتكەن، ئەXX، مەXX، نXX زەخملەنگەن، قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان، يول قاتناش ھادىسسى كىلىپ چىققان. بۇ ھادىسىدە ئەXXغا بارلىق مەسئۇليئەت بىكتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئەXXنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 2-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست. جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. جاۋاپكار ئەXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان. شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 1-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار ئەXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر نۇسخا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋابكار ئەXX ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论