欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某交通肇事案)(认罪认罚案件适用)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-25 独角龙 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                        توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىبلەش ( 2019 ) 121– نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار: ھ **، ئەر ، ئۇيغۇر ،****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:1518********652123. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت *-ئەترەت ***-نۇمۇر.  كەسپى: **. مەدەنىيەت سەۋىيىسى: تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ.

جاۋابكار ھ ** قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 06-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە كېپىلگە بېرىلگەن .

توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ھ ** نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى 12- ئاينىڭ -3كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى،زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىنىڭ دەۋالاشقۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرىگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق . 

 مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :

 2019-يىلى08-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەن سائەت 05:38لار ئەتراپىدا  جاۋابكار ھ **  ھاراق  ئىچىپ مەس ھالەتتە91 ***新新A  نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى غەرىپتىن شەرىق يۆنىلىشىگە ھەيدەپ مېڭىپ، ** ناھىيە -S***لېنىيە **كېلومېتىر +*** مېتىرلىق جايغا كەلگەندە قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ر**  ھەيدىگەن ***** 新Kنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن ،نەتىجىدە *****  新Kنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدىگۈچى ر** قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان91***新A نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدىگەن جاۋابكار ھ ** يارلانغان، ماشىنلار بۇزۇلۇپ ،ئادەم ئۈلۈش قاتناش ھادىسسىنى شەكىللەندۈرگەن، كېيىن قاتناش ساقچىلىرى جاۋابكار ھ ** دىن توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قېنىنى ئېلىپ ئەۋرىشكە قالدۇرغان.

 شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2019 ) 6229- نومۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدىن جاۋابكار ھ** نىڭ ھەر ml100 قېنىنىڭ تەركىبىدە mg 130 ئالكوگىل مىقدارى بارلىقى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار :

دېلو قوبۇل قىلىش جەدىۋىلى، دىلو تۇرغۇزۇش قارارى ،نوپوس ئىسپاتلىقى ،دىلو پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان سۆرەتلىرى،نەق مەيدان خەرىتىسى،نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى،شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ ( 2019 )6229،6230- نۇمۇرلۇق ئالكوگىل مىقدارىنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى، شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)2394-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسى،توقسۇن ناھىيلىك ج خ ئىدارسى قاتناش ساقچى ئەتىرتىنىڭ(2019)163-نۇمۇرلۇق ھادىسە مەسئۇلىيەت ئېتراپنامىسى قاتارلىقلار تولۇق.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار ھ ** نىڭ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ھەم تۇلۇق. جاۋابكار ھ ** نى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ،» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بۇلۇپ مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمىز، شۇڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ-176 ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر   .

ھۆرمەت بىلەن :   

                      تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن

   - 2019يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى  

قوشۇمچە.1.جاۋاپكار ھ** ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

.2دىلو توپلىمى 2 توپلام،پىلاستىنكا 2 دانە؛

.3«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا؛

4.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئەرزنامىسىدىن 5 نۇسخا تەمىنلەندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top