شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2019) 2594-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 32 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011987********، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019–يىلى 4–ئاينىڭ 24– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 29-كۈنى (2019) 953-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
-2018يىلى-10ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 8:40 ئۆتكەن ئەتىراپتا جاۋابكار ئەXX ئاXX نامىدىكى NP**** 新 نومۇرلۇق «شۆفىلەن» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ئاقسۇ شەھەر ** يولىدا شەرىقتىن غەرىپكە (ئاپتوموبېلغا مۇxxنى ئولتۇرغۇزغان) مەسىت ھالەتتە پىراۋسىز ھەيدەپ مېڭىپ،xx يول بۆلكىگە كەلگەندە، ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە زىيانلانغۇچى ئاxx ھەيدەپ ماڭغان 新电N1**** نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنىڭ ئارقا تەرپىگە سوقۇلۇپ توكسېكلىت ھەيدىگۈچى ئاxxيارلانغان، ئىككى قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان. ھادىسىدىن كىيىنNP**** 新نومۇرلۇق ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇچى مۇxx ئاپتوموبىلنى نەق مەيداندىن ھەيدەپ كەتكەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 652901420180002876-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە: A تەرەپ ئەxx بۇ ھادىسىنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، B تەرەپ ئاxx بۇ ھادىسىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتىلگەن.
شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 910-نومۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدا «ئەxxنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قاننىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 143mg/100ml» دەپ بىكىتىلگەن.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددى ئىسپاتىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2018) 2305-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە:« 新NP**** نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ئالدى قىسىمى بىلەن新电N1**** نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ سول ئارقا قىسىمى سوقۇلغان» دەپ بىكىتىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2019) 006- نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ئىلمى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدە: « ئالاقىدار ئاxx قاتناش ھادىسىسدە زەخمىلەنگەندىن كىيىن داس سۈڭەك سۇنۇپ ئېغىر دەرىجىدە شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن،«ئادەم بەدىننىڭ زەخمىلىنىش دەرىجىسىنى باھالاپ بىكىتىش ئۆلچىمى»نىڭ B5.8.2 بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاxxنىڭ زەخمىسىنى ئېغىر زەخمە ئىككىنچى دەرىجە ئۆلچىمىگە تەۋە بولىدۇ » دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرنامىسى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئەxx قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى. بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكار ئەxxىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ئايچولپان ئېزىز
مۇۋەققەت تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشش تېلفۇن نۇمۇرى 1889924****
(2) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، 1 نۇسخا جىنايەتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى، 5 نۇسخا ھەق تەلەپ ئەرىزنامىسى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论