شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020) 760–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئەXX ، ئەر، 1985-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *******65282319850، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت شەرقىي يولى 1-11-ئۆي، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** يېزا *8 كەنت شەرقىي يولى 1-11-ئۆي.2012-يىلى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بايۇنغۇلىن ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ قۇيۇپ بىرىلىپ ،2019-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى بايىنغۇلىن تارىم ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كاپالەتچىگە بېرىش مۆھلىتى توشۇپ تۇرارجايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى9 - ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ شۇ كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنى ئوقتۇردۇق . پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دىلو پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
2019-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 3:47 مىنۇت ئەتىراپتا ، جاۋپكار ئەXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، 新M**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ تارىم نىفىت قۇملۇق تاشيولىنىڭ 80 كىلومىتىرلىق بۆلىكىدە يول بويىدا ماشىنىنى توختۇتۇپ ئۇخلاپ قالغان. ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان بايۇنغۇلىن تارىم ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەتىرتى ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇتۇلغان .
شىنجاڭ جۇڭ شىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]1356-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسدا ئەXXنىڭ ھەر يۈزمىللىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 134مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىپى باردەپ باھالاپ بېكىتكەن .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى ،باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، جىنايى پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار ئەXX دىلودىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئەXX قاتناش-تىرانسىپوت باشقۇرۇش قانۇن –نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ،ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇن 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق ،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئىلھام يۇنۇس
2020-يىلى 9- ئاينىڭ 12-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن. (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ،ئون نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论