欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某危险驾驶案)_和某某人民检察院

2021-09-26 尘埃 评论0

和某某人民检察院 

起 诉 书

和某某检一部刑诉〔2020〕**号 

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى 

               خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) **-نومۇرلۇق   

      جاۋابكارئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1986-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ ئۇرۇمچى تىيەنشەن رايۇنى كاڭچىڭ 6-كوچا 40-نۇمۇر، ، كىملىك نومۇرى: *******6501021986، مەدىنيەت سەۋىيەسى: ئالى مەكتەپ مەدىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى: ** ناھيىە **-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى ،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** سارىيى **-كورپۇس**-نۇمۇر،  بۇرۇن جازالىنىپ باقمىغان،2019-يىلى 06-ئاينىڭ 13-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتى ئە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشىغا قارىتا دىلو تۇرغۇزۇپ،شۇ كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇختۇتۇپ قۇيغان،2019-يىلى 06-ئاينىڭ 20-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپدىن بىر تەرەپ قىلغنىچە كېپىللگە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.      

جاۋابكارئە**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى .دىلونىڭ ئەيىبلەش سۈرۈكى 15كۈن ئۇزارتىلدى. دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكار ئە** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

جاۋابكار ئە**2019-يىلى 06-ئاينىڭ 02-كۈنى كەچتە  خۇشنىسى ئې** بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە500لىتىرلىق بىر بوتولكا   ئاق ھاراق ئىچكەن. ھاراق تۈككەندىن ئې** ئۆيىگە چىقىپ كەتكەن  ئە** ئ●وخلىغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 4:00لەر ئەتىراپىدا ئە**نىڭ ئايالىنى ئىش ئۇرنىدىن جىددى چاقىرتقاندىن كىيىن ئە** ئايالىنى ماشنا بىلەن ئىش ئۇرنىغا ئاپىرىپ قۇيماقچى بۇلغاندا ئايالى قۇشۇلماي ئۆزى يالغۇز ئۆيدىن چىقىپ ئىش ئۇرنىغا كەتكەن،ئايالى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئە** ئايالىنى خىزمەت ئۇرنىغا ئاپىرىپ قۇيۇش مەقسىتىدە ئايالىنىڭ كەينىدىنلا سىرتقا چىقىپ ئۆزىنىڭ ***** M新نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومۇبىلىنى ھەيدەپ **ناھىيىلىك دۇختۇرخانغا بارغىچە ئايالىنى تاپالماي ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن   مىڭىپ  خەلىق باغچىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چارلاش چۇڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە  تاپشۇرۇپ بەرگەن .                                                              

 شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ {2019}****-نۇمۇرلۇق چىقارغان  زەھەر باھالاش پىكىردە ئە**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 130 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بارلىقنى بىكىتىكەن.    

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكارئە** قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدامەست ھالەتتە ھەيدىگەن قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار ئە**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا جاۋابكار ئە**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

       ھۆرمەت بىلەن:  

               خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                                تەپتىش : ئەخمەتجان رۇزى 

                          2020-يىلى 7-ئاينىڭ23-كۈنى 

قوشۇمچە :

1.​ )جاۋابكار ئە** ج  خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** سارىيى **-كورپۇس**-نۇمۇر،ئالاقىلىشش نۇمۇرى :

2) دىلو ئارخىۋى بىر توپلام.

3)ئەيىپنامە 8نۇسخا .

4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى 1 پارچە .

5) جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top