شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 36-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئە**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، **-يىلى **- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0035 **652925 ،تۇلۇق ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، شوپۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. ** ناھىيىسىدىن، ** ناھىيە ** بازار ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئە**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 51-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار ئە** 2019-يىل 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 00:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل ئولتۇراق رايۇنى B رايۇندا ئولتۇرۇشلۇق يۈسۈپ سەمەتنىڭ ئۆيىدە يۈسۈپ سەمەت بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 09:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا مەنزىرە كۆل ئولتۇراق رايۇنى B رايۇننىڭ ماشىنا توختىتۇش مەيدانىغا توختىتۇپ قويغان 新N5882学 نۇمۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ توقسۇ ناھىيە ۋاڭشى شوپۇرلۇق مەكتىپىگە بارغاندىن كېيىن، سائەت 10:10 ئۆتكەن ئەتىراپتا 新N5882学 نۇمۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ يۇقرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىپ توقسۇ مۇلازىمەت رايۇنىدىكى گاز قاچىلاش پونكىتىدىن گاز قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ۋاڭشى شوپۇرلۇق مەكتىپىگە قايتىش ئۈچۈن كەينىگە يېنىپ توقسۇ ناھىيە توقسۇ ئوتتۇرا ئامانلىق تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ ماددىي ئىسپاتلارنى ئەدىليەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 8396-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە جاۋاپكار ئە**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارى 126.40» دىيىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ئە**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 2مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش: گۈلەم تاش
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论