شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 1060 -نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئىX ، ئەر، ئۇيغۇر، 1985-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529231985، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: كۇچا شەھەر * بازار ئىشخىلا *-كەنت *-نۇمۇر ، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 29-كۇنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 487-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار ئىXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 06-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى تىز كېسىم تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق:
جاۋابكار ئىX 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 20:00لەر ئەتراپىدا خوشنىسى مX بىلەن بىللە كۇچا شەھەر * بازىرىدىكى ئاXنىڭ قاۋاقخانىسىدا ‹‹يىلى شېن ئالاھىدە ھارىقى›› ماركىلىق، 500گىراملىق، ئاق ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ئىچكەن، ھاراقنى ئىچىپ بۇلۇپ ئۆيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن، ئاغىنىسى بەXنىڭ ئۆزى يالغۇز مىنىپ كىلىپ قاۋاقخانىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ‹‹سۇزىكى›› ماركىلىق،قىزىل رەڭلىك،新N****ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ مېڭىپ،كۇچا شەھەر ** يۇلى بىلەن كۇچا شەھەر G217لىنىيەنىڭ كىسىشكەن يول ئېغىزىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان،جاۋابكار ئىXنىڭ تىنىقىدىكى ئىسپىرت مىقتدارىنى تەكشۈرگەن 169.2mg/100mlچىققان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، ئىX نىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100mL 180 دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ– تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
دىمەك،جاۋابكار ئىXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق، بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋابكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار ئىXكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارماقنىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: رېھىم ئەيسا
2020- يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار ئىX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论