欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某危险驾驶罪案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى

چ ت ئە (2020) 07-نومۇرلۇق

چەرچەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار ئە** ، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى**- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **********65282519، كەسپى: چەرچەن ناھىيىلىك ** يېزىلىق ھوكۇمەتنىڭ كادىرى، چەرچەن ناھىيەسىدىن، كېپىلگە بىرىشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇراق ئورنى: چەرچەن ناھىيىسى ** يۇلى *** ئولتۇراق رايۇنى **- بىنا **- ئىشىك ***- نۇمۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق، 2019- يىلى 07- ئاينىڭ 21 - كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىللكە بېرىلگەن، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 08- كۈنى مەھكىمىمىىز تەرىپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار خەتەرلىك يول يۇرۇش دېلۇسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019– يىلى 12– ئاينىڭ 08– كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن››نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچىلەر جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، ھەمدە دىجورنى ئادۇكاتنىڭ پىكىرى ئېلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار ئە** دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار ئە**نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.

جاۋاپكار ئە** 2019- يىلى 07- ئاينىڭ 11- كۈنى ھاراق ئىچىپ، ئۆزىنىڭ ****新MZ نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسى ھەيدەپ جەنۇبى تەكشۇرۇش يول بۇلىگىگە كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى كادىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019] 5032- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى چىقىرىپ ئە**نىڭ قان ئەۋرىشكىسى تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭml 100/ mg 200 ئىسپىرىت بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئەدىلىيىلىك باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

جاۋاپكار ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار ئۆزىمۇ ئىقرار.

يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :

دېلودىكى‹‹يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرغان نەرسە تىزىملىگى، جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، چەرچەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019] 5032- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:

جاۋاپكار ئە** يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن، بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددىسىنىڭ 1- تارماقچىسىدىكى بەلگىلمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق، شۇڭا خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار ئە**غا 2 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 4500 يۇەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە مەھكىمىىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر.

تەپتىش: ئەركىن ئەمەر، يالقۇن قۇربان

2020- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى

ئەسكەرتىش :

1.جاۋاپكار ئە** ئائىلىسدە كېپىلدە.

2.ئەيىپنامە 8 نۇسقا.

3.« جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئۇقتۇرىشى » ۋە « جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » بىر نۇسقا.

4.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش ئارخىۋى بىر توپلام بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top