欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某危险驾驶罪)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش  (2020) 981   -نومۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئىxx، ئەر، ئۇيغۇر،xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان.كىملىك نومۇرى:6529011997xxxxxxxx، xxشەھەر xx بازار xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىشلەمچى، ئامما، ئىلگىرى جازالانغان . xx–يىلىxx–ئاينىڭ xx–كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020) 1411- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقنى ئۇقتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

  جاۋاپكار ئېxx xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى سائەت 16:40 لەر ئەتراپىداxx بازار مۇزىكىلىق ئارامگاھتا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، xxبازار نۇڭدا تاللا بازىرنىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ھەيدەپ پىيادىلەر يولىغا چىقىپ ماڭغاندىن كىيىن شۇ ئەتىراپتا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق،جاۋاپكارxx ھاراق ئىچىپ موتىسكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق جاۋاپكار ئېxx ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى225.58مىللىگىرام (mg/100ml225.58) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.

 يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئېxx يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن  بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇللۇق.جاۋابكارئېxx قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. دىلونى  ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ . سوت قىلىشىڭزلارغا تەكلىپ بېرىمىز.

                     تەپتىش :  تاشنىياز ئوسمان

            مۇۋەققەت تەپتىش : دىلمۇرات ئەمەر  

             2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى

ئىزاھات : 

1.​ جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: xxxxxx15276.

2.​ 8 نۇسخا  ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top