خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019)497 -نومۇرلۇق
جاۋابكار ئې**،ئەر،ئۇيغۇر،1979-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىمىلىك نۇمۇرى: ********6528271979، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى:دېھقان،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە ** بازىرى** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ25-كۈنى توپلىشىپ قىمارئويناش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغان ئېلىنغان، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: خېجىڭ ناھيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھازىر خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكار ئې**نىڭ قىمارخانا ئېچىش دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى دېلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە بىر قېتىم قايتۇرۇلۇپ، خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى9 -ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، 2019-يىلى10–ئاينىڭ4-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى، جاۋابكارئې** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2015-يىلى 12-ئايدا ئا** خېجىڭ ناھىيە ** بازىرى **سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋېتىدىكى چايخانىنى ئىجارە ئېلىپ ئۈچ قېتىم قىمار سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان، بۇ جەرياندا جاۋابكار ئې**بىلەن س** (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى) ئىككەيلەن چايخانىنىڭ سىرتىدىكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۈزەتچلىك قىلغان، باشقىلار قەرتخانىغا كىرمەكچى بولغاندا ئا**غا كىرسە بۇلىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ھەمدە ساقچىلاردىن مۇداپىيلىنىشقا مەسئۇل بولغان، خ** ئا**نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئىچىدە قىمار ئوينىغانلارغا چاي، ئىچىملىك، تاماكا تۇشۇغان، كۈنلىكىگە300يۈەندىن 500يۈەنگىچە ھەق بەرگەن، قىمار سورۇنىدا ئا** ھەر بىر قېتىمدا 40مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىرىپ يۇقۇرى ئۈسۈملۈك پۇل تارقاتقان، ھەمدە قەرىز پۇل ئالغانلارغا 1000يۈەنگە 100 يۈەن ئۆسۈم بويىچە تارقاتقان، قەرىز مۆھلىتىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە قىلىپ بېكىتكەن، سورۇندا ئاسالىقى زاجىنخۇا قىمار تۈرىنى ئوينىغان. تۆۋېننى 100يۈەن يۇقۇرسىنى 200يۈەن بىكىتىپ ئوينىغان، ئا** بىلەن خ** چوتانى ھەر بىر قېتىمدا 100يۈەندىن ئېلىپ ياندىكى قەلەي ساندۇققا سالغان، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورۇنىدا 10مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چوتا يىققان، بۇ ئۈچ قېتىملىق سورۇندا ئا**، لۇ خەي**، ئو**، يۈن** قاتارلىقلار قىمار ئوينىغان بۇلۇپ، قىمار سورۇنىدا قىمار ئوينىغانلار ئۇتتۇرۋەتسە قەرىز ئېلىپ، ئۇتىۋالسا قايتۇرۇپ ئوينىغان، بۇ جەرياندا ئا** ئو**كە 20مىڭ يۈەن، لۇ **گە 70مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا قەرىز تارقاتقان. بۇ سورۇنغا كەلگەنلەرنى ئا** تېلفۇن قىلىپ چاقىرتقان. ئۈچ قېتىمدا جەمئى30000 يۈەن ئەتراپىدا چوتا يىققان، ئۈچ قېتىملىق قىمار سورۇنىدىكى جەمئي قىمار دەسمايىسى 150000يۈەن ئەتراپىدا بولغان .
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق مەيدان تەكشۈرۈش -ئېنىقلاش ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئې** كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ قىمارخانا ئېچىشىغا ياردەملەشكەن.قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 303-مادىسىنىڭ 2- تارمىقىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭا جاۋابكار ئې**نى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى
2019-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى
قوشۇمچە:
1) جاۋابكارئې** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2) ج خ تەھقىقلەش ئارخىپى بىر توپلا، نۇر دىسكا بىر دانە.
3) ئەيىبنامە سەككىزنۇسخا.
5)ئالماشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى بىر نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论