欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某抢劫案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئـاقسـۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئـەيىبنـامىسـى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 212-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار ئې XX ئەر، ئۇيغۇر، 41 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011978، ساۋاتسىز، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۇنى بولاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن XX شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى XXشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.

XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى (2019) 133-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە

جاۋابكار ئې XX 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى مىنىپ، ئايكۆل بازار -XX كەنتىدىن ئاقسۇغا قاراپ مېڭىپ، ئايكۆل بازار -XXكەنىت -XXگۇرۇپ ئەتىراپىدا يولدا ئۆزى يالغۇز ماڭغان زىيانلانغۇچى ر XX كۆرگەندىن كىيىن بولاڭچىلىق قىلىش مەقسىتىدە زورلۇق ئىشلىتىپ، زىيانلانغۇچى ر XXنىڭ 2900 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە كۈمۈش بىلەيزۈك، بىر جۈپ كۈمۈش ھالقا، بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈكىنى بولاپ ئېلىۋالغان، ھەمدە يولدا باشقا ئادەمنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ موتوسىكىلىتىنى مىنىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلگەن، كىيىن جاۋابكار ئې XX جىنايى قىلىمىشىنىڭ پاش بۇلۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ يۇقارقى بۇيۇملارنى ئۆيىنىڭ ئەۋرەز يولىدىن ئاقتۇرۋەتكەن، كىيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر دانە كۈمۈش ھالقا جاۋابكارئې XXنىڭ ئۆيىدىكى ئەۋرەز يولىدىن تېپىلىغان.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدا زىيانلانغۇچى ر XXنىڭ زەخمىسىنى يەڭگىل زەخمە دائىرىسىگە كىرىدۇ دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ

مـەھكىمىمىز جاۋابكار ئې XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 263-ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكارئې XX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلىغان جىنايەت پاكىتىنى ۋە جىنايەت نامىنى بىردەك ئىتىراپ قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارئې XXنى بولاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 263-ماددا، 65-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش : ئايچولپان ئېزىز

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.​ جاۋابكار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق

2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر توپلام رازۋىتكا دىلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top