ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞219–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئ**، ئەر، ئۇيغۇر، 1997-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501021997، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمىتى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى **كوچىسى **-نۇمۇر **قوروسى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆي. قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئە**نىڭ قەستەن زەخىملەندۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 10–ئاينىڭ 19-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى سەھەر سائەت 6:00 لەر ئەتراپىدا، ** رايۇنى **يولى «سۇشى كالا گۆشى ئۈگرىخانىسى»نىڭ ئالدىدا جاۋابكار ئە** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆ** بىلەن گەپ تاكاللىشىپ ئۇرۇشۇپ قېلىپ، جاۋابكار ئە** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆ**نىڭ يىقىلىپ چۈشكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى بېسىۋېلىپ مۇشتى بىلەن يۈز قىسىمىغا ئۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بۇرۇن ۋە كۆزىنى زەخمىلەندۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن تېخنىكا بۆلىمى قانۇن دوختۇرىنىڭ زەخمە تەكشۈرۈش پىكىرنامىسىدە: سىرتقى كۈچىنىڭ تەسىرىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆمەرجان مەمەتنىڭ بۇرۇن ئوتتۇرا دىۋارى، ئىككى تەرەپ بۇرۇن سۆڭىكى سۇنغان، زەخمە دەرىجىسى يىنىك زەخمە 2-دەرىجىگە تەۋە دەپ باھالانغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆ**نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
2. جاۋابكار ئە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3. گۇۋاھچى سۈ** قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
4. نەق مەيدان تېلكامىرا خاتىرىسى؛
5. قانۇن دوختۇرىنىڭ ئادەم بەدىنى يارلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باھالاشنامسى؛
6. جاۋابكارنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى، جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، ئەپۇنامە قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ، ھەقىقى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئە**نىڭ باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن زەخىملەندۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 11–ئاينىڭ 11–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جازا ئۆلچەش پىكرى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتى بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论