欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某故意伤害案)_博乐市人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕63号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى  

ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020)  -نۇمۇرلۇق

    جاۋابكار ئەل**، ئەر، ئۇيغۇر، 1997-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كىملىك نومۇر: 6527011997********، تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر * بازىرى * كەنتى * يولى *-نومۇر، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى * ساقچىخانىسى. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى  قەستەن زەخمىلەندۈرۈش گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان. ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

   مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 9(2020)-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئە*نى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. دىلو بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت بىرلەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە* بورتالا شەھەر مەدەنىيەت يولى «جىياڭ يۈ فېڭ چىڭ» كاۋاپخانىسىدا ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كىيىن، ئۆزى بىلەن بىر ئۈستەلدە بىرگە ئولتۇرغان ئەل*نى سەت گەپلەر بىلەن تىللىغان، جاۋابكار ئە*نىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئا* جاۋابكار ئە*كە سەت گەپ قىلماسلىقنى نەسىھەت قىلىپ، قولىنىڭ كەينى بىلەن جاۋابكار ئە*نىڭ ئاغزىغا بىرنى ئۇرغان. جاۋابكار ئە* نەسىھەتنى ئاڭلىماي، ئا*نى سەت گەپلەر بىلەن تىللىغان. ئەل* جاۋابكار ئە*نى نەسىھەت قىلىپ ئۆيىگە قايتۇرىۋېتىش ئۈچۈن، جاۋابكار ئە*نى باشلاپ كاۋاپخانىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىققاندا، جاۋابكار ئە* ئەل*نى يەنە سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ، ئۇرغان ھەمدە ئىشتىنىنىڭ تاسمىسىنى چىقىرىپ ئالدىغا كەلگەننىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇشقا باشلىغان، شۇ جەرياندا ئاجراتماقچى بولۇپ كەلگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر*نىڭ باش قىسمىغا ئىشتىنىنىڭ تاسمىسىنىڭ بېشى بىلەن بىرنەچچىنى قاتتىق ئۇرغان، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر*نىڭ باش قىسمى زەخمىلەنگەن. بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەخمە دەرىجىسىنى باھالاش پىكىرىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر*نىڭ زەخمىسىنى ئېغىر 2-دەرىجە دەپ بېكىتكەن.

    يۇقارقى جىنايى پاكىتنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئە*نىڭ باشقىلارنى ئېغىر زەخمىلەندۈرگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 234-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىغا ئاساسەن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

                                         ھۆرمەت بىلەن :

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                                              تەپتىش : گۈلجامال نۇرتاش  

                                          2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى  

قوشۇمچە :

1.جاۋابكار ئە* بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2. دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلار تىزىملىكى، ج خ ئۈچ توپلام، تەپتىش بىر توپلام، 15 دانە سىن ماتىرىيالى بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top