欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某涉嫌信用卡诈骗案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى 

ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئېXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى XX بازىرى XX يولى XX-نومۇر XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، XX يېزىلىق توك تەمىنلەش شىركىتىنىڭ توختاملىق ئىشچىسى، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى XX ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، جازانى ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن كىرىدىت كارتا ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئېXXنىڭ كىرىدىت كارتا ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى، جاۋابكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئېXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى يانتېلىفونىدا XX ئۇچۇر توپىغا « ئىناۋەتلىك كارتىڭىزدا پۇل بولمىسىمۇ ئەپ دىتالى ئارقىلىق ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ قۇيىمەن » دەپ توپقا ئۇچۇر يوللىغان بۇلۇپ، شۇ توپتىكى زىيلانغۇچى دXX بىلەن ئۈندىداردا كۈرۈشۈپ پاراڭلشىش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى دXX جاۋابكار ئېXXتىن ئىناۋەتلىك كارتىدا پۇل بولمىسىمۇ پۇل قايتۇرش ئوسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن زىيلانغۇچى دXX بىردانە ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرىپ ئىناۋەتلىك كارتا ئىچىدىكى پۇلنى قانداق ئېلىش ھەم قايتۇرۇش، كارتىدىكى پۇلنى نەق پۇلغا قانداق ئايلاندۇش ئوسۇلىنى ئۈگىتىپ قۇيۇشىنى سورىغاندا، جاۋابكار ئېXX ئۆزىنىڭ پوسىجى (POS) ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ ئىناۋەتلىك كارتىنى سۈرتۈپ پۇل ئالىدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن، زىيلانغۇچى دXX ئىناۋەتلىك كارتامنى پوسىجى (POS) ئاپپاراتىڭىزغا سۈرتۈپ پۇل ئېلىپ بېرىڭ دەپ 2020-يىلى XX -ئايىنىڭ XX- كۈنى جاۋابكار ئېXX بىلەن XX بازىرى يېڭى شەھەر رايۇنى ئەتراپىدىكى سېمز كالا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈپ ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسنى جاۋابكار ئېXXكە بېرىپ پۇل ئېلىپ بېرىشنى دىگەندە، جاۋابكار ئېXX زىيلانغۇچى دXXغا پوسىجى(POS) ئاپپاراتى ھازىر يېنىمدا يوق، ئۆيدە دىگەن، بۇ چاغدا زىيلانغۇچى دXX جاۋابكار ئېXXكە پوسىجى(POS) ئاپپاراتىدىن 20000 يۈەن پۇل ئېلىپ بەرسىڭىز نەچچە پۇل ھەق ئالسىز دەپ سورىغاندا، جاۋابكار ئېXX پۇل ئالمايدىغانلىقىنى، پەقەت پوسىجى (POS)ئاپپاراتىنىڭ كارتىدىن ئاپتوماتىك مۇلازىمەت ھەققى تۇتىدىغانلىقىنى، مۇلازىمەت ھەققىنى تۇتۇپ ئېشىپ قالغان پۇلنى زىيلانغۇچى دXXغا قىزىل بولاق شەكلىدە ئېتىپ بېرىدىغانلىقىنى دېگەندە، زىيلانغۇچى دXX ئۆزىنىڭ نامىدىكى كارتا نۇمۇرى: XXXX بولغان سودا-سانائەت بانكسنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسنى جاۋابكار ئېXXكە بېرىپ ئىناۋەتلىك كارتىدىكى پۇلنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا چۈشىدىغانلىقىنى سورىغاندا، جاۋابكار ئېXX بىر سائەت ئىچىدە چۈشىدۇ دىگەن ھەم زىيلانغۇچى دXX بەرگەن ئىناۋەتلىك كارتىنى ئېلىپ شۇ كۈنى ئۇچتۇرپان بازىرىدا تاكسى ھەيدەيدىغان ئاغىنسى ئاXX بىلەن كۆرۈشۈپ زىيلانغۇچى دXXنىڭ ئىناۋەتلىك كارتسىنى كۆرستىپ ماۋۇ كارتىدىن 20000 يۈەن پۇل ئالاتتىم، پوسجى(POS) ئاپپاراتىڭنى ئىشلىتىۋالاي دەپ زىيلانغۇچى دXXنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئاXXنىڭ پوسجى(POS) ئاپپاراتىغا سۈرتۈپ بۇلۇپ، شۇكۈنى كارتىنى زىيلانغۇچى دXXغا بەرگەن. ئەتىسى زىيلانغۇچى دXX پۇلنىڭ چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىنى سورىغاندا، جاۋابكار ئېXX پۇل چۈشمىدى، پۇل چۈشۈپ قالسا سىزگە خەۋىرىنى بېرەي دىگەن، ئاندىن ئاغىنىسى ئاXXغا تېلفۇن قىلىپ پۇلنىڭ چۈشكەن-چۇشمىگەنلىكىنى سورىغان، ئاXX پۇلنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ جاۋابكار ئېXXنىڭ ئۈندىدارىغا ئىككى قېتمىدا 19860.00يۈەن پۇلنى ئېتىپ بەرگەن (20000 يۈەن پۇلدىن سېستىما ئاپتۇماتىك ھالدا 118.00يۈەن مۇلازىمەت ھەققى تۇتىۋالغان، 22يۈەن پۇلنى ئاXX كىرا ھەققى ئۈچۈن تۇتىۋېلىپ 19860.00يۈەن پۇلنى جاۋابكار ئېXXكە ئېتىپ بەرگەن). جاۋابكار ئېXX پۇلنى ئالغان كۈنى تېلىفونىدىكى بېلىق تۇتۇش دېتالىدا قىمار ئويناپ، 19860 يۈەن پۇلنى ئۇتتۇرۋەتكەن. زىيلانغۇچى دXX پۇلنىڭ چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىنى سوراپ جاۋابكار ئېXXكە ئۈندىداردا گەپ قىلغاندا، جاۋابكار ئېXX پۇل تېخى چۈشمىدى دەپ يالغان گەپ قىلىپ زىيانلانغۇچى دXXنى ئالدىغان، ئەتىسى زىيانلانغۇچى دXX يەنە پۇلنىڭ چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىنى سورىغاندا، جاۋابكار ئېXX يالغان گەپ قىلىپ« پۇل تېخى چۈشمىدى، پۇل چۈشكەندىن كىيىن سىزگە گەپ قىلاي، پۇل چۈشكەن بولسا ماڭا ئۇچۇر كېلەتتى، ئەتە مەن بانكىغا بېرىپ بانكا كارتامنى تەكشۈرتۈپ باقاي» دەپ يالغان گەپ قىلىپ زىيلانغۇچى دXXنى ئالدىغان، ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن جاۋابكار ئېXX دXXغا :« ئىناۋەتلىك كارتىڭىزدىكى پۇل كارتامغا تېخى چۈشمەپتۇ، مەن بۇ ئەھۋالنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا چوڭ ئەترىتىگە ھەم تور بىخەرلىك ئەترىتىگە مەلۇم قىلىپ قويدۇم» دېگەن، ئارىدىن يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن زىيلانغۇچى دXX جاۋابكار ئېXXتىن: «پۇلنىڭ چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىنى سورىغاندا، جاۋابكار ئېXX يەنە زىيلانغۇچى دXXغا:«تور بىخەتەرلىك ئىشخانسدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۋاتىمىز، باش ئەترەتكە مەلۇم قىلدۇق، ساقلاپ تۇرۇڭ دەيدۇ، بىز ساقلاپ تۇرايلى» دەپ زىيلانغۇچى دXXنى ئالداپ پۇلنى ئىزچىل قايتۇرمىغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئېXX  يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئېXXنىڭ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىرىدىت كارتىسىدىكى پۇلنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان قىلمىشىدىن كىرىدىت كارتا ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196-ماددىسىدىكى كىرىدىت كارتا ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

                         (2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

                        (3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

                       (4) ئۈچ نۇسخا قوشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزنامىسى دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top