كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020)830-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئەxx، ئەر،1984-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6528271984،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە.ئىشچى،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ خىجىڭ ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر.ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر xx يىزا xxكەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر.بۇرۇن جازالانمىغان.2019-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئەxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 00:20لەر ئەتراپىدا،جاۋاپكار ئەxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە،پىراۋىسىز 新Mxxxxx نۇمۇرلۇق(رويى خەتتىن ئۆچۇرۇلگەن) ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر قارايۇلغۇن يېزا xx كەنىت 3-گۇرۇپ xx-ھويلا ئالدى يول بۆلىكىدە،جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ،شۇ يول بۆلىكىگە توختۇتۇپ قويغان 新28-xxxxxنۇمۇرلۇق تېرەكتۇرنىڭ ئارقىغا سوققان،نەتىجىدە جاۋاپكار ئەxxنىڭ يارلىنىشى ۋە قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.
شىنجاڭ جوڭ شىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ( 2019 )4781-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتورىيەلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا،جىنايەت گۇماندارى ئەxxنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 156مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2019)722997-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا ئەxx بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئولىيەتنى ئۆستىگە ئالىدۇ،مxx بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىدە قۇشۇمچە مەسئولىيەتنى ئۇستىەە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھچلىقى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار ئەرxx ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئەxxنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكار ئەxxىنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
2020-يىلى9-ئاينىڭ30-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكاربىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论