شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020) 371-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئە**،ئەر،ئويغۇر،**ياش،19**-يىلى2-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان كىملىك نومۇرى: 65292519***53019،ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە،توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا**-كۇرپۇس** -نۇمۇردائولتۇرۇشلۇق،ئىشچى،ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىلى10-ئاينىڭ 19-كۈنى توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋاپكار ئە**نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (2021)9-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق.جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋەدۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق.قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدۇق:
جاۋاپكار ئە** 2020-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 18:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئۆيىدە دوستى ت**بىلەن ئولتۇرۇپ بىر بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،تاماكا ئېلىپ ئۈچۈن ** ئولتۇراق رايۇننىڭ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا توختۇتۇپ قويغان 新N** نۇمۇرلۇق ماشنىسىنى ھەيدەپ**ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدىن ئوڭغا بۇرۇلغاندا قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يول ياقسىدىكى گۈللۈك يېندكى ئىگىز يول بۆلىكىگە چىقپ قالغان،شۇ ئۇرۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ئە** ھەيدىگەن ماشىننى تەكشۈرۈپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك قىلمىشنى بايقاپ،نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن،توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ئە**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ(2020)5086-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاشنامىسدە:ئە**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 267 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىققان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،باھالاشنامە،ئۇن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ:جاۋاپكار ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ.جاۋاپكار ئە**كە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر،جاۋابكارغا 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش،قۇشۇمچە 8000 يۈەن شىتراف قۇيۇش جازاسى بىرىش تەكلۋى بىرىمىز.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176 -ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق،قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : ئۆمەر قادىر
تەپتىش: مارىگۈل ئەنۋەر
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
قۇشۇمچە : 1›جاۋاپكارھازىر ئائىلدە 2›8 پارچە ئەيىپلەشنامە، 2 تۇپلام دېلو ئارخىپى دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论