欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某涉嫌危险驾驶罪一案)

2021-09-23 独角龙 评论0

    كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                           ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 762 –نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار ئەXX،ئەر،1990-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6528271990،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.دىھقان،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە XX بازار XX كەنىت 1-11-نۇمۇر.ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر XX يىزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر.بۇرۇن جازالانمىغان.2019-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار ئەXX2019-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۇنى سائەت00:25لەر ئەتىراپىدا،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新MXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشننى ھەيدەپ كورلا-پۇخۇي يۇلىدا جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ يول يۇرۇپ16كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە،پىيادە يول يۇرىۋاتقان ئاXXنى سوققان،نەتىجىدە ئاXXنىڭ يارلىنىشى،قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) 3496-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇرىيېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار ئەXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 162مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:  يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار ئەXXئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ،جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئەXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكار ئەXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                          كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                                       

                                         تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى

                                     2020-يىلى9-ئاينىڭ14-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.

(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top