欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某涉嫌盗窃一案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕665号 

   ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020)  665-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئە ،XXئەر، ئۇيغۇر، **20-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى ********65292720، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان بازىرى XX يولى **-كوچا **-تاركوچا **-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ساۋاتسىز، مۇقىم كەسپى يوق، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرىپدىن ئوغرىلىق جىنايتى بىلەن مۇدەتتىلىك 11 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن؛ 2018–يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكمىسى تەرىپدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 8 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ، 2019-يىلى 5-ئايىدا جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن؛ 2019–يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوغرىلىق قىلمشى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن 15 كۈن مەمۇرى توختىتىپ قۇيۇلغان؛ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرلىگەن. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، شۇيىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

 جاۋابكار ئە XX2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت5:00  ئەتىراپىدا، ئۇغىلىق قىلىش مەقسىدىدە ئۆزى يالغۇز ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانسىنىڭ ئارقا تەرەپدىكى قۇرلۇش قىلۋاتقان ئۇچۇق يەردىن دوختۇرخانا قورۇسىغا كىرىپ، بالنست بىناسى **-قەۋەتكە جايلاشقان XX بۆلۈمنىڭ سېستىرالار ئارام ئېلىش ئۆيىگە چىقىپ، زىيانلانغۇچى مXXنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلنىپ، ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ توكقا چېتىپ قويغان بىردانە قىزىل رەڭلىك64GB  سىغىمىدىكى ئالما 11 ماركلىق يان تېلغۇن، بىر دانە گۈەي زىڭ ماركىلىق كۆك رەڭلىك توكدانىنى ئوغىرلىغان. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك باھا بىكىتىش ئىدارىسى يۇقارقى دېلوغا بۇيۇملارنىڭ قىممىتىنى 4560.00 يۈەن (تۆت مىڭ بەش يۈز ئاتمىش يۈەن) دەپ يەكۈن چىقارغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئەيسا تۇرسۇن  مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئە XXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكار ئە XX ئىلگىرى قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان بولۇپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتا جىنايەت سادىر قىلغان تەكرار جىنايەتچى، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگشلىك، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

مۇئاۋىن باش تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت

پۈتۈكچى: ئارزىگۈل ياسىن

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top