欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某的伪造、编造国家公章、文件罪)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

                 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)    522-نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

       جاۋابكار ئەXX،ئەر ،ئۇيغۇر،  XXياش،  كىملىك نۇمۇرى: 6529011983XXXXXXX، XشەھەرXبازىرى X-كەنىت 4-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق،  كەسپى دىھقان، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018 -يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۇنى قەرىز پۇل ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلككە بېرىلىگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 

ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2018)659-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكارلارغا ھۇقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بويىچە سۇئال سورىغاندىن كېيىن دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ قانۇن بۇيىچە 2قېتىم ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى ،ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزگە يوللىدى .  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

       2016- يىل 12- ئاي  مەزگىلىدە جاۋاپكار ئەXX يەر تېرىش ئۈچۈن پوچتا بانكىسىدىن 300 مىڭ يۈئەن قەرز ئالماقچى بولغان. تېرىقچىلىق يېرىنىڭ توختام مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئەXXكوچا بويىدىكى كىچىك ئېلان ئارقىلىق بىر خەنزۇ ئايال بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر پارچە قۇرۇق توختام تۈزۈپ، كومپيۇتېردا تەسۋىر كۆچۈرۈپ XX شەھىرى XX بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇپ ،XX شەھىرى XX بازىرىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مەخسۇس تامغىسى ۋە X شەھىرى X بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تامغىسىنى سىكاننېرلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇ تولدۇرغان ساختا مو سانىدىكى تېرىلغۇ يەر توختامىغا باستۇرغان. جاۋاپكار ئەX بۇ ساختا يەر توختامىنى ئىشلىتىپ قايتا پوچتا ئامانەت بانكىسىدىن 300 مىڭ يۈئەن قەرز ئالغان، 300 مىڭ يۈئەن قەرز پۇل ھېساباتقا كىرگەندىن كېيىن، كرېدىت خادىمى مX بىر نەچچە كۈن  ئىشلىتىپ تۇرۇشنى  باھانە قىلىپ 300 مىڭ يۈئەننى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەندىن كېيىن، ھازىرغىچە ئەXنىڭ بۇ قەرز پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمگەن .جاۋاپكار ئەXمۇ ھازىرغىچە بۇ قەرزنى قايتۇرمىغان . 

    يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەXىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 175-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق.جاۋاپكار ئەXنى قەرىز پۇل ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى،بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسگە ئۇيغۇن .شۇڭا جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 175-ماددا بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ  176-ماددا،15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.

                      تەپتىش :  نX

   مۇۋاققەت  تەپتىش :دX   

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئىزاھات : 

1.​ جاۋابكارئائىلىسىدە كېپىلدە .ئالاقىلىشش تېلىفۇن نۇمۇرى :1323983XXXX

2.​  8 نۇسخا  ئەيىبنامە ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە 1توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top