欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某的故意伤害罪案件)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕205号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ          ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)201–نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ھەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئايىنىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئايىنىڭ 13-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ھەxxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ھەxx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 23:30 ئەتراپىدا xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللىدىكى قوشنىسى غېxxنىڭ ئۈيىدە، غېxx، قەxx قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەن، ئارلىقتا غېxx ياتاق ئۆيگە ئۇخلىغىلى چىقىپ كەتكەن، جاۋابكار ھەxx داۋاملىق قxx بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەن، بۇ جەرياندا قxx جاۋابكار ھەxxغا لىق بىر ئىستىكان ھاراق قۇيغاندا، جاۋابكار ھەxx «بۇنداق جىق ھاراقنى ئىچەلمەيمەن» دىگەن، قxxجاۋابكار ھxxغا «سەن نىمشقا مەن قۇيغان ھاراقنى ئىچمەيسەن، ئاناڭنى.....» دەپ ئەپسانە گەپ بىلەن تىللىغاندا، جاۋابكار ھxxمۇ قxxنى «سىنىڭ ئاناڭنى مەن .....» دەپ ئەپسانە گەپ بىلەن تىللىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن ئۇرۇشۇپ ھويلىغا چىقىپ ياقىداشقان، ئاۋال قxx مۇشتى بىلەن جاۋابكار ھxxنىڭ مەيدىسىگە بىرنى ئۇرغان. جاۋابكار ھxxمۇ مۇشتى بىلەن قxxنىڭ يۈزىگە بىرنى ئۇرغان، دەل مۇشۇ چاغدا ياتاق ئۈيىدە تىلۋۇزۇر كۈرۈپ ئولتۇرغان زىيانلانغۇچى ئاxx (ئۆي ئىگىسى غېxxنىڭ ئايالى) ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلاپ، ھويلىغا چىقىپ، جاۋابكار ھxx بىلەن قxxنىڭ ئۇرۇشىۋاتقانلىغىنى كۈرۈپ، ئۇلارنى ئاجىراتماقچى بۇلۇپ، قxxنىڭ كەينى تەرەپتىن قۇچاقلاپ «بولدى ئۇرۇشماڭلار» دەپ كەينىگە تارتقاندا، جاۋابكار ھxx قxxنى ئۇرماقچى بۇلۇپ، قxxغا بىر مۇش ئاتقان. مۇشىت قxxغا تەگمەي، زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ سول يۈزىگە تىگىپ، ئاxx مۇشنىڭ زەربىسىدىن يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپ، بەدىننىڭ سول تەرپى يەرگە قاتتىق تىگىپ زەخىمىىلىنىپ، ئەتىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانسىغا بېرىپ تەكشۈرۈتكەن، تەكشۈرۈش نەتىنجىسىدە زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ «سول مۈرە ئوقرەك سۆڭىكى ۋە سول يۈز سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن» دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇلغان.

قانۇن دوختۇرى زەخمە دەرىجە باھالاشنامىسىدا «زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ زەخمىسىنى يېنىك 2-دەرىجىلىك زەخمە» دەپ باھالاپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ھەxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ھەxxنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن زەخىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 1 دانە پىلاستىنكا دېلو قۇشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top