شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 63- نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
1.جاۋابكار كاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 22 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : 6529011997******** ، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى شنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى ** يولى **-نومۇر **-گۇرۇپ **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، رىمىنۇتچى، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 1 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن.2019-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىناي ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
2.جاۋابكار قەxx، ئەر ،ئۇيغۇر، 25 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : 6529011995******** ، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى كونا ئايرىدىروم ** ئاھالىلىكلەر رايۇنى **-رايۇن **-كوچا **-گۇرۇپ **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، رىمۇنىتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان .2019-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىناي ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
3.جاۋابكار نۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 18 ياش، كىملىك نومۇرى : 6529012001*******، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھىرى ۋىلايەتلىك **ئائىلىلىكلەر قوروسى **-بىنا **-قەۋەت **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئاشپەز، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىپ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىناي ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىز تەستقىلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى (2019)1227- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ،ھازىر مەزكۇر دىلو تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار كاxx 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاقسۇ شەھىرى xx شەھەر رايۇن تەۋەلىك باشقۇرۇش كومتتى تەۋەلىگىدىكى سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىغا سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ئۈچۈن چىققان چاغدا سەھىيە مۇلازىمەت پۇنكىتىنىڭ يان تەرپىدە تىلفۇندا ئۇيۇن ئويناپ ئولتۇرغان زىيانلانغۇچى پا**نىڭ 9 ياشلار ئەتراپىدىكى كىچىك بالىسى ئا**نىڭ قۇلدىن كۈمۈش رەڭلىكOPPO ماركىلىقA59S تىپلىق 1360 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە يانفۇننى تارتىۋېلىپ قېچىپ كەتكەن، تىلفۇننى 10 كۈن ئەتراپىدا ئۆزى ئىشلەتكەندىن كىيىن تېلغۇن تولا قاتىدىغان بۇلۇپ قالغانلىق سەۋەپتىن يەرگە ئېتىپ چېقىۋەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
جاۋابكار كا** بىلەن جاۋابكار قە** ئىككىسى بىرلىكتە 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە ** ناھىيە ** بازىردىكى **رېستۇرانىغا قە**ىڭ ئاغىينىسىنىڭ تۇيىغا قاتناشقىلى بارغاندا كا** ئۆزى ئولتۇرغان ئۈستەلدىكى تويغا قاتناشقىلى كەلگەن زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان VIVO U1 ماركىلىق 630 يۈەن قىممىتىدىكى يانفۇننى ئا** مەسىت بۇلۇپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغۇرلاپ ئالغان . 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈش سائەت 16لەر ئەتراپىدا جىنايەت گۇماندارى قە** بىلەن كا** ئىككىسى **تىن ئوغۇرلاپ كەلگەن يانفۇننى ئاقسۇ شەھىرى ** كوچىدىكى ** تىلفۇن بازىرىغا ئەكىرىپ **تىلفۇن بازىردىكى ئىككىنچى قول تىلفۇن سېتىۋالدىغان ئە** ئىسىملىك ( ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى) تېلفۇنچىغا 200يۈەنگە ساتقان، ئە**سېتىۋالغان زاڭ مالنى خەلق بازىرى نىمكەش تىلفۇن بازىردا تىلفۇنچىلىق قىلدىغان ئە**قا ساتقان. يانفۇن ساتقان پۇلنى جاۋابكار كا**، قە**، نۇ** ئۈچەيلەن خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
جاۋابكار كا**، قە**، نۇ** قاتارلىقلار 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈش سائەت 15لەر ئەتراپدا بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بۇلۇپ ** يۇلدىكى ئەرمەك ھايۋانلار بازىرغا كىلىپ بازار ئايلانغان، بازار ئايلىنش جەريانىدا ئۈچەيلەن ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، ** يولى سەي بازىرنىڭ ئىچگە كىرىپ بىر قۇر ئەھۋالنى كۈزەتكەندىن كىيىن بېلىق ساتىدىغان رايۇنغا كېلىپ بېلىق ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدىكى زىيانلانغۇچى جا**نىڭ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويغان 1328 يۈەن قىممىتدىكى VIVO ماركىلىق يانفۇننى كا** ئوغۇرلاپ ئالغان، نۇ** بىلەن قە**ىن ئىككىسى ئەتراپتا كۆزەتچىلىك قىلغاچ زىيانلانغۇچىنىڭ دىققىتنى بۇراپ كا**نىڭ تېلغۇننى ئوڭۇشلۇق ئوغۇرلاپ ئېلشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. كا** يانفۇننى ئوغۇرلاپ بولغاندىن كىيىن، كا**، قە**، نۇ** ئۈچەيلەن ** يۇلى سەي بازىردىن چىقىپ يولدا ماڭغاچ يانفۇننى سېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ كا** بىرىنچى قېتىم تىلفۇن ساتقان ئە** ئىسىملىك (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان) تىلفۇن سودىگىرگە تىلفۇن قىىلىپ ئاقسۇ شەھىرى ** سودا سارىينىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تىلفۇنچىغا 300 يۈەنگە ساتقان، ئە** سېتىۋالغان زاڭ مالنى خەلق بازىرى نىمكەش تىلفۇن بازىرىدىكى تىلفۇنچىلىق قىلىدىغان ئا**كە (ئايرىم بىرتەرەپ قىلىندى) پايدا ئېلىپ ساتقان. كا**، قە**، نۇ** ئۈچەيلەن تىلفۇن ساتقان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
جاۋابكار كا** بىلەن جاۋابكار قە** 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈش سائەت 15لەر ئەتىراپىدا كونا غەربىي شەھەر تەۋەلىگىدىكى كا**نڭ ئۈيىدە مەسلىھەتلىشىپ **-يول كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ** رايۇنغا جايلاشقان مىۋە-چىۋە توپ تارقىتىش بازىرىغا كىلىپ بازار ئارلىغاچ ئەھۋالنى كۈزەتكەن. بازار ئايلىنىش جەريانىدا كا** بىلەن قە** سەي توپ تارقىتىش بازىردا زىيانلانغۇچى ش**نىڭ جوزىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ توكقا چېتىپ قويغان 1073 يۈەن قىممتىدىكىOPPO R11 ماركىلىق يانفۇننى ئوغۇرلىغان. يانفۇننى ئوغۇرلاپ بولغاندىن كىيىن كا** بىلەن قە** ئىككىسى بىللە بازاردىن چىقىپ يانفۇننى سېتىپ خەجلەش ئۈچۈن تىلفۇنچى **گە (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى) تىلفۇن قىلىپ خەلق مەيداننىڭ يان تەرپىدىكى قاشتاش بازىرى يولنىڭ بۇيىدا كۈرۈشۈپ 200يۈەنگە ساتقان، ئە** سېتىۋالغان زاڭ مالنى نىمكەش تىلفۇن بازىردا تىلفۇنچىلىق قىلىدىغان ئا**كە (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان) پايدا ئېلىپ ساتقان، يانفۇن ساتقان پۇلنى كا** بىلەن قە** ئىككىسى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
يىغىنچاقلىغاندا كا** ئۆزى يالغۇز 1قېتىمدا 1360يۇەن قىممىتىدىكى يانفۇننى، قە** بىلەن شىرىكلىشىپ 3 قېتىمدا 3031 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكنى ئوغۇرلىغان . قە** كام** بىلەن شىرىكلىشىپ 3 قېتىمدا 3031 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكنى ئوغۇرلىغان .نۇ** كا** ۋە قە** بىلەن شىرىكلىشىپ 1قېتىمدا 1328 يۇەن قىممىتىدىكى يانفۇننى ئوغۇرلىغان .
يۇقارقى پاكىتنى دىلودىكى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار كا** ، قە**، نۇ**لەرنىڭ پۇقرالارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار كا** نۇ**كە ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددا، 25-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە؛جاۋابكار قە**غا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 25-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمسىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
مۇۋەققەت تەپتىش: ئابدۇسالام تۇرسۇن
2020- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋابكارلار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق
(2) 18 نۇسقا ئەيىبنامە، جازا ئۆلچەش تەكلپنامىسى ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلپنامىسى،بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
起 诉 书
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论