شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 73-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
1.جاۋابكار ئەxx، ئەر ئۇيغۇر، 19ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529012001xxxxxxxx، تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-كورپۇس xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
2.جاۋابكار ئxx ئەر، ئۇيغۇر 20 ياش، كىملىك نۇمۇرى، 6529011999xxxxxxxx، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر ئىگەچى يېزا 9-كەنىت 8-مەھەللە 59-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئاشپەز، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
3.جاۋابكار نەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529012000xxxxxxxx، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايۇنىدا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (2020) 123-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئەxx، نەxx، ئېxx قاتارلىقلار ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئاقسۇ شەھە جىيانو ماشىنا ئىجارىگەرلىك شىركىتىدىن 新N 1xxxx نۇمۇرلۇق « xx » ماركىلىق ماشىننى ئىجارىگە ئېلىپ بۇ ماشىننىڭ 82 مىڭ يۈەنگە سېتىلدىغانلىقى توغرىسىدا « نۇر تورى » غا ئۇچۇر چىقارغان ھەم ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ « نۇر تورى » دىن بۇ ماشىننىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ماشىننى سېتۋېلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشقان زىيانلانغۇچى مەxxغا ماشىننىڭ ساتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ 72 مىڭ يۈەنگە دىيىشىپ، 2019-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2019-يىل 10-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا زىيانلانغۇچى مەxxنىڭ جەمئىي 42700 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 5000 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، قالغان 37700 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەxx، نەxx، ئxx قاتارلىقلارنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا ، 25-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ قوللىنىپ سوت قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىمىز .
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
مۇۋەققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2. 18 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论