欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某等人开设赌场案件公开版)_和静县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

和静县人民检察院 

起 诉 书

和静县检公诉刑诉〔2019〕598号 

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىپنامىسى

                                     خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019)598 -نومۇرلۇق

جاۋابكار ھ**، ئەر، ئۇيغۇر، 1978–يىلى**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: ********* 6528271978، تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى:تىجارەتچى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** بازىرى ** جەنۇبي يولى ** ئولتۇراق رايونى**-بىنا **-كورپوس **-نۇمۇر(بازار)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادىرىسدا ئولتۇرۇشلۇق، 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ 2 يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان، 2018–يىلى 12–ئاينىڭ 23–كۇنى توپلىشىپ قىمار ئويناش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.  

جاۋابكار ئې**، ئەر، ئۇيغۇر، 1995–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271995، تۇلۇق ئوتتۇرامەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق،  نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ **-دىۋىزىيەسى ** بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش** بازىرى **-پولىك يېزا ئىگىلىك **-لىيەن**-نۇمۇر، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇن: ** ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر، 2016 -يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق قىلمىشى، زەھەرلىك چىكىملىك(خىروئىن) چەككەن قىلمىشى ئۈچۈن مەمۇرى جەھەتتىن 11 كۈن توختۇتۇپ قۇيۇش جازاسى بىرىلگەن، 2018–يىلى 12–ئاينىڭ 25–كۇنى توپلىشىپ قىمار ئويناش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.  

جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1971–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى******** 6528271971، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: تىجارەتچى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت**-گۇرۇپ**-نۇمۇر(بازار)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇن: ** ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا** -كورپوس**-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2018–يىلى 12–ئاينىڭ 23–كۇنى توپلىشىپ قىمار ئويناش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.  

جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1975–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: ******** 6528271975، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىلو پاش بۇلۇشتىن ئىلگىرى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسى يىتەكچىسى، جوڭگو كومۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:** ناھىيە **بازىرى ** شەرقي يولى**-قورو **-بىنا**-كورپوس **-نۇمۇر(بازار)، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيە ** بازىرى** ئولتۇراق رايونى **-بىنا**-كورپوس **-نۇمۇر، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر كىپىللىكتە.

جاۋابكار ھە**، ئى**، ئا**، ئە**لارنىڭ قىمارخانا ئېچىش دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››  نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى، بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى ئىككى  قېتىم ئۇزارتىلدى، دېلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە ئىككى قېتىم قايتۇرۇلدى، جاۋابكارلارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىللىك  قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات،  دىجورنى ئادۇۋۇكاتلارنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات،  دىجورنى ئاۋۇدۇكاتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكارلار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكارلار مەزكۇر دىلودا ئاددەتتىكى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

1) 2016-يىلى 11-12-ئاي مەزگىلىدە جاۋابكارئا**، ھە** بىرلىشىپ ** بازىرى** ئولتۇراق رايونى**-بىنا**-كورپوس**-نۇمۇرلۇق جاۋابكارئا**نىڭ ئۆيىدە ئۈچ قېتىم قىمارخانا ئاچقان، قىمار سورىنىدا ئا**، ر**، ئا**،  ئە**، لۇ**، ۋ**، ئە** قاتارلىقلار تۆۋېنى100يۈەندىن، يۇقۇرسىنى200يۈەنگىچە تىكىشىپ  زاجىنخۇا قىمار تۈرىنى ئوينىغان، بۇ جەرياندا جاۋابكارئى** جاۋابكارھە**نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورىنىدا 40مىڭ يۈەن پۇلنى يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرىز پۇل قىلىپ تارقاتقان، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورىنىدىكى قىمار دەسمايىسى 40 مىڭ يۈەندىن ئۈچ قېتىملىق قىمار سورىنىدىكى قىمار دەسمايىسى جەمئى 120مىڭ يۈەن بولغان، قەرىز پۇلىنى كىمگە بەرسە شۇنىڭدىن ھەر بىر قېتىم قىماردا  ئۇتسا  خې** (ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىندى)100يۈەندىن چوتو ئالغان، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورىنىدا 4000 يۈەندىن ئۈچ قېتىملىق قىمار سورىنىدا 12 مىڭ يۈەن چوتۇر ئالغان، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورىنىدا جاۋابكارئى** قەرىز پۇل تارقىتىشقا، جاۋابكارخ**چوتو يىغىشقا، جاۋابكار ئا** يىمەك-ئىچمەك، ئۆي تەمىنلەشكە مەسئۇل بولغان، جاۋابكارھە** ھەر قېتىمدا خې** يىققان چوتو پۇلىنى ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارئى** بىلەن  خې**نىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن ھەر قېتىمدا 1000 يۈەن( خ**غا 500 يۈەن، ئى**گە 500 يۈەن)دىن ئۈچ قېتىملىق قىمار سورىنىدا جەمئى 3000 يۈەن( خې**غا 500 1يۈەن، ئى**گە 1500 يۈەن) ھەق بەرگەن، قىمار سورىنىغا قاتناشقۇچىلارنى جاۋابكارھە**،  ئا** تىلفۇن قىلىپ چاقىرىتقان، جاۋابكارھە** ھەر قېتىملىق قىمار سورىنىدا 2000 يۈەندىن ئۈچ قېتىملىق قىمار سورىنىدا جەمئى 6000 يۈەننى جاۋابكارئا**نىڭ ئۆيىدە قىمارخانا ئاچقانلىقى ئۈچۈن، جاۋابكارئا**غا ئۆي ھەققى ئۈچۈن بەرگەن.

2)2016-يىلى 11-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا ** ناھىيىسى ** بازىرى **ئولتۇراق رايونىدا جاۋابكارھە**، ئە**قاتارلىقلار جاۋابكارئە**نىڭ ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىنى ئىشلىتىپ ئىككى قېتىم قىمارخانا ئاچقان، بۇجەرياندا جاۋابكارئە**لا قىمار سورۇنى  بولغان ئۆي، يىمەك-ئىچمەك تەمىنلىگەن، قىمارخانا ئېچىشقا  ئۆي  تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن  ھەر بىر قېتىمدا 3000 يۈەندىن ئىككى قېتىملىق قىمار سورىنىدا جەمئى 6000 يۈەن پۇل ئالغان، جاۋابكارئى**جاۋابكارھە**نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن قىمار سورىنىدا قىمار قەرىزى تارقىتىشقا، چوتا يىغىشقا مەسئۇل  بولۇپ،  بىر قېتىملىق قىمار سورىنىغا 30 مىڭ يۈەن پۇل ئېلىپ كىرىپ قەرىز تارقاتقان، يەنە بىر قېتىملىق قىمار سورىنىغا 40 مىڭ يۈەن قەرىز پۇل تارقاتقان بولۇپ، ئىككى قېتىملىق قىمار سورىنىدا 70 مىڭ يۈەن قىمار قەرىزى تارقاتقان، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورىنىدىكى قىمار دەسمايىسى 40 مىڭ يۈەندىن ئىككى قېتىملىق قىمارسورىىنىنىڭ  قىمار دەسمايىسى 80 مىڭ يۈەن بولغان، ئىككى قېتىملىق قىمار سورىنىدا ئا**، ئا**، ئە**، ئە**، ۋ**، لۇ**، ي**قاتارلىقلار قىمار ئويناشقا قاتناشقان بولۇپ، تىگىنى 100يۈەندىن  يۇقۇرسىنى200يۈەنگىچە تىكىشىپ  زاجىنخۇا قىمار تۈرىنى ئوينىغان، جاۋابكارھە**نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن جاۋابكارئى** ئىككى قېتىملىق قىمار سورىنىدا جەمئى 8000 يۈەن چوتا ئالغان،  قىمار سورىنىغا كەلگەنلەرنىڭ بىر قىسمىنى جاۋابكارھە** چاقىرغان، يەنە بىر قىسىم قاتناشقۇچىلار ئۆز-ئارا تىلفۇنلىشىپ كەلگەن.

    يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى يازما ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش -ئېنىقلاش ماتىريالى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ھە** پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، كۆپ قېتىم قىمارخانا ئېچىپ، باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەپ، قىمار قەرزى تارقىتىپ، چوتۇ پۇلى يىغىپ قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن. قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>نىڭ 303-مادىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىماخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارئى** جاۋابكارھە**نىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قىمارخانىدا قىمار قەرزى تارقىتىپ، چوتۇ يىغىشىپ، قىمارخانا ئېچىشقا ياردەملەشكەن، قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>نىڭ 303-مادىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىماخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارئا**، ئە**لا باشقىلارنىڭ قىمارخانا ئېچىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن، قىمار سورىنىغا يىمەك-ئىچمەك تەمىنلەپ، سورۇن ھەققى ئېلىپ، قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئىرىشىپ، قىمارخانا ئېچىشقا ياردەملەشكەن، قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>نىڭ 303-مادىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىماخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ھە**، ئى**، ئا**، ئە**لار بىرلىشىپ دىلو سادىر قىلغان بولۇپ، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>نىڭ 25-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئورتاق جىنايەتچىگە تەۋە. شۇڭا جاۋابكار ھە**، ئى**، ئا**، ئە**لارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

                                  ھۆرمەت بىلەن :

                      

                       خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                                        تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى

                                   2019-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى

قوشۇمچە:

1) جاۋابكار ھە**، ئى** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق، جاۋابكار ئا** خۇشۇت ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق، جاۋابكار ئە** كىپىللىكتە.

2) ج خ تەھقىقلەش ئارخىپى ئۈچ توپلام، نۇر دىسكا بىر دانە.

3) ئەيىبنامە 23نۇسخا.

5)ئالماشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئۈچ نۇسخا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top