欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某等10人衅滋事、强迫交易、非法拘禁、敲诈勒索、开设赌场、赌博案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                             ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 76- نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

1.جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 0056********652101؛ نوپوسىدىكى ئادرىسى: شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى  ئىدىقۇت رايونى ** يولى **-بىنا **-نومۇرلۇق ئۆي، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئىدىقۇت رايونى ** يولى **ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قوروسى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆي، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شەھەر نۇپوس، ئىشسىز. توپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرىكى تۇرپان شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 4 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ قېتىم ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان،  2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۇنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.

2. جاۋابكار قۇXX ،ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 2210********652101؛ نوپوسىدىكى ئادرىسى : شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ** يېزىسى **كەنتى  **-گۇرۇپپا؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سىەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان. ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىدىقۇت رايونلۇق  خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ قېتىم ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۇنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.

3. جاۋابكار مۇXX، ئەر ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 0035********652101؛ نوپوسىدىكى ئادرىسى : شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ** يولى **-نومۇرلۇق ئۆي. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شەھەر نوپۇس، ئىشسىز. ئىلگىرى جازالانمىغان. ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ،ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۇنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.

4. جاۋابكار غاXX ،ئەر ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 2235********652101؛ نوپوسىدىكى ئادرىسى : شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى **يېزىسى **كەنتى **-گۇرۇپپا. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان. ئىلگىرى جازالانمىغان. ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ،  ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت  خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

 5. جاۋابكار ئوXX، ئەر ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نومۇرى : 2239********652101؛  نوپوسىدىكى ئادرىسى : شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ** يېزىسى ** كەنتى  **-گۇرۇپپا. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان. ئىلگىرى جازالانمىغان. ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

6. جاۋابكار ئاXX ، ئەر ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 1311********652101؛  نوپوسىدىكى ئادرىسى : شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان. توپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرىكى تۇرپان شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 4 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلشقا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ قېتىم ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان،  2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۇنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.

7. جاۋابكار مە XX ،ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 0531********652122؛ نوپوسىدىكى ئادىرىسى :  ** ناھىيەسى ** بازىرى ** كەنتى  **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق ئۆي، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى : ئىدىقۇت رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **- نۇمۇرلۇق ئۆي، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. قىمارۋازلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۇنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.

8.جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 0416********652101؛ نوپوسىدىكى ئادرىسى : شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ** يولى **كوچىسى **-نومۇر، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شەھەر نۇپوس، ئىشسىز. ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ،  ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە  كېپىلگە بېرىلگەن.

 9. جاۋابكار ئۈ،XX ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى :652101********0714؛  نوپوسىدىكى ئادرىسى : شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى **بازىرى ** كەنتى **-نومۇرلۇق ئۆي، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، شەھەر نۇپوس، ئىشسىز. ئىلگىرى جازالانمىغان، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى  كېپىلگە بېرىلگەن.

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئەXX ، قۇ ،XXمۇ،XX غاXX، ئو،XX ئا،XX مەXX، ئە،XX ئۆXXقاتارلىقلارنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى، قىمارۋازلىق جىنايىتى، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى، قانونسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى دىلولىرىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارلارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دىلونى ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇپ، دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە ئىككى قېتىم 15 كۈندىن ئۇزارتىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :

  جاۋابكار ئە،XX قۇXX باشچىلىقىدىكى مۇ،XX غاXX،  ئوXX قاتارلىق رەزىل كۈچلەر 2010-يىلىدىن باشلاپ ئىلگىركى تۇرپان شەھىرى ** يولى **غا جايلاشقان ** دا تىجارەت قىلىشنى ۋاستە قىلىپ، زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆپ قېتىم قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى بىرلىشىپ سادىر قىلىپ، پۇقرالارنى بوزەك قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپى، ئىقتىسادىي تەرتىپ ۋە تۇرمۇش تەرتىپلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەمئىيەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان. 

  جاۋاپكارلارنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايى  پاكىتلىرى تۆۋەندىكىچە : 

 1. 2010-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى(چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئە،XX مۇXXلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئەXXنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ، **يولىنىڭ ئىلگىركى تۇرپان شەھىرى **بۆلىكىدىكى سايلىققا مەجبورى ئېلىپ بېرىپ، 1.8 تۈمەن يۈەن قىمار قەرزىنى قايتۇرۇشنى دەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئۇرۇپ تىللىغان. بىر قانچە كۈن ئۈتكەندىن كېيىن،جاۋابكار ئە XX ،مۇXX ۋە ئاXX قاتارلىقلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئېلىپ، ئىلگىركى تۇرپان شەھىرى ** يېزىسى ** كەنتى **-گۇرۇپپىغا بېرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX شۇ كەنىتتە  ئولتۇرۇشلۇق ئەXXكە 2.2 تۈمەن يۈەنگە رەنىگە قويۇپ قويغان 新K***** نومۇرلۇق ماشىنىسىنى 2 تۈمەن يۈەن نەق پۇل بېرىپ، 1.8 تۈمەن يۈەن قىمار قەرزىنى قوشۇپ ھېسابلاپ ئېلىپ كەتكەن. 

2. 2010-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئە،XX مۇ،XX ئاXX قاتارلىقلار ئىلگىرىكى  تۇرپان شەھىرى **يولى ** غا جايلاشقان **نىڭ ئايرىمخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەxxنى يوقىلاڭ سەۋەپلەر بىلەن ئۇرۇپ تىللىغان. 

3. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئە،XX مۇ،XX مە XX قاتارلىقلار ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى ** يولى ** غا جايلاشقان ** نىڭ ئايرىمخانىسىغا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى مەجبورى ئېلىپ كىرىپ، يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن ئۇرۇپ تىللىغان، جاۋابكار قۇXX ئايرىمخانىغا كىرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئايرىمخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. 

4. 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، جاۋابكار ئەXX، مۇXXلار ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى **يولى **غا جايلاشقان** نىڭ ئايرىمخانىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خاXX، خاXXنى يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن ئۇرۇپ تىللىغان. 

5. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى(چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئە،XX مۇ،XX ئەXX، ئۆXX قاتارلىقلار ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى ** يولىغا جايلاشقان ** نىڭ ئالدىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنى « نىمە دەپ ساختا قىمار قىلىسەن» دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇرۇپ تىللىغان. 

6. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى(چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئەXX ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپىدىكى ئۆيىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياXXغا 10 تۈمەن يۈەن نەق پۇل ۋە 新K***** نومۇرلۇق، ** ماركىلىق  ماشىنىسىنى  10 تۈمەن يۈەن ھېسابلاپ بېرىپ، جەمئىي 20 تۈمەن يۈەنگە قەرىزدارلىق ھۆججىتى يازدۇرغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياXX ئىلگىر-كېيىن بولۇپ جاۋاپكار ئەXXغا 16 تۈمەن يۈەننى قايتۇرغان، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى يېرىم كېچىدە، جاۋابكار ئەXX  جاۋابكار مە XXگە ماشىنىسىنى ھەيدىدىپ، جاۋاپكار مە XXنىڭ ئايالى ياXX، تاغىسى ھەXX قاتارلىقلارنى ئېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياXXنىڭ ئىدىقۇت رايونى ** يېزىسى ** قوروسىدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياXXنى ئۇرۇپ تىللاپ قەرزىنى قايتۇرۇشنى سۈيلىگەن.

7. 2013-يىلى 11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئە،XX قۇXX ۋە ئەXX قاتارلىقلار غاXXنىڭ ئوXX، ئوXXلار تەشكىللىگەن ساختا قىمار سورۇنىدا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەن 5 تۈمەن يۇەن پۇلىنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن، ئوXX، ئوXXلارنى ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى ** يېزىسىدىكى ساXX نىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ، ئۇلارغا ساختا قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، غاXXنىڭ 5 تۈمەن يۇەن پۇلىنى ئۇتىۋالغانلىقىنى ئېتراپ قىلدۇرغاندىن كېيىن ئوXX تونۇشى باXX ئارقىلىق 30000 يۈەن پۇلنى غاXXغا قايتۇرۇپ بەرگەن. غاXX جاۋابكارلارغا 1 تۈمەن يۈەن « رەخمەت» پۇلى بەرگەن.

8. 2014-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX ،ئوXX ئىككىسى ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى **يولىغا جايلاشقان **نىڭ يان تەرىپىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھەXXنى ئۇرۇپ-تىللاپ، ئۇنىڭ 4 مىڭ يۈەن قەرزىگە 4.5 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئېلىۋالغان.

9. 2014-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئە، XXقۇXX ئىككىسى ئىلگىركى تۇرپان شەھىرى **يولى **غا جايلاشقان **نىڭ ئايرىمخانىسىغامۇشۇ چايخانىنىڭ ناخشىچىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئەكىرىپ، يۇقىلاڭ سەۋەپلەر بىلەن ئۇرۇپ تىللاۋاتقاندا مۇشۇ چايخانىنىڭ يەنە بىر ناخشىچىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى راXX كىرىپ : «نىمە ئۈچۈن ئادەم ئۇرىسىلەر» دەپ توسىغاندا جاۋابكار ئەXX، قۇXXلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى راXXنىمۇ ئۇرۇپ تىللىغان.

10. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار قۇXX ،غاXX ۋە ۋXX قاتارلىقلار ئەXXنىڭ ھاۋالىسى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تاXXنى ئىدىقۇت رايونى ** يېزىسىدىكى سايلىققا ئېلىپ چىقىپ تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تاXXغا ئەXXقا قارىتا 8.15 تۈمەن يۈەنلىك قەرىزدارلىق ھۆججىتى يازدۇرغان. بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تاXX جاۋابكار قۇXXنى ئىزدەپ بېرىپ : « ئۆزىنىڭ ئەXXقا قەرز پۇلنى ئاللىقاچان قايتۇرۇپ بولغانلىقى، بۇ قېتىم يازدۇرغان ھۆججەتتىكى پۇلنىڭ ئەمىليەتتە ئۆسۈم پۇلى ئىكەنلىكىنى، يازدۇرغان ھۆججەتنى يۇقۇتۋىتىشنى» دەپ جاۋابكار قۇXXگە 3 تۈمەن يۈەن پۇل بەرگەندىن كېيىن جاۋابكار قۇXX ھۆججەتنى يۇقىتىۋېتىپ، بۇ 3 تۈمەن يۈەن پۇلنى جاۋاپكار قۇXX 2 تۈمەن يۈەن، جاۋابكار غاXX 6 مىڭ يۈەن ۋە ۋXX 4 مىڭ يۈەندىن بۈلۈشكەن.

11. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوXXغا 1.6 تۈمەن يۈەن قىمار قەرزىنى قايتۇرۇشنى دەپ كۆپ قېتىم سۈيلەپ تەھدىت سالغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوXX ئاXXدىكى 1.6 تۈمەن يۈەن ئېلىشىنى جاۋابكار قۇXXگە  ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX، ئوXX ئىككىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXXنى مەجبۇرى ماشىنىغا سېلىپ، ئوXXنىڭ ئىدىقۇت رايونى ** بازىرى ** كەنتى  **-گۇرۇپپىدىكى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ئۇرۇپ تىللاپ 1.6 تۈمەن  يۈەن پۇلنى ئېلىۋالغان. 

12. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXXدىكى 2.2 تۈمەن يۈەن ئېلىشىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ** شەھىرىگە بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXXنى مەجبۇرى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى **يېزىسىدىكى ساXX نىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، جاۋابكار غاXX بىلەن  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXXنى  ئۇرۇپ تىللاپ، ئۇنىڭغا مەجبورى 3.7 تۈمەن  يۈەنگە قەرزدارلىق ھۆججىتى يازدۇرغان، كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXXنىڭ ئىنىسى ئاXXجاۋاپكار  قۇXXگە 3.7 تۈمەن بەرگەن.

13. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆXXنى مەجبورى ماشىنىغا سېلىپ، ئىلگىركى تۇرپان شەھىرى ** يېزىسىىدىكى ساXXنىڭ  ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، 1 تۈمەن يۈەن قىمار قەرزىنى قايتۇرۇشنى دەپ ئۇنى ئۇرۇپ تىللىغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆXX ئاXXقا تېلىفۇن بېرىپ چاقىرغاندىن كېيىن، ئاXX ساXXنىڭ ئۆيىگە كېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۆXXكە كېپىل بولۇپ ئۇنى ئېلىپ كەتكەن، كېيىن ئۆXX 1 تۈمەن يۈەننى جاۋاپكار قۇXXگە بەرگەن.

14. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXX بىلەن 20 تۈمەن دانە خىش ئېلىپ-سېتىش كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن،جاۋاپكار قۇXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXXگە ئالدىن 1.5 تۈمەن يۈەن پۇل بەرگەن. جاۋابكار قۇXX 3 تۈمەن دانە خىشنى ئېلىپ بولغاندا قۇمداندا خىش تۈگەپ قېلىپ قالغان خىشنى ئالالماي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXXنى كۆپ قېتىم پۇلنى قايتۇرۇشقا قىستاپ ئۇرۇپ-تىللاپ ۋە مەجبورى ھۆججەت يازدۇرۇپ، ئىلگىر-كېيىن بۇلۇپ 1.1 تۈمەن يۈەن نەق پۇلىنى ئېلىۋالغان ۋە « دۇڭفىڭ»  ماركىلىق كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنسىنى مەجبۇرى تۇتۇپ قالغان. 

15. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX ئاXX ئۆزىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئوXXتىكى 4 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن، جاۋاپكار ئوXX، غاXX لار بىلەن ئىدىقۇت رايونى ** يولىغا جايلاشقان ** نىڭ يان تەرىپىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا زىيانكەشلىككە  ئۇچرىغۇچى ئوXXنى ئۇرۇپ تىللاپ، 4 مىڭ يۈەننى ئېلىۋالغان.  

16. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خۇXXنىڭ باشقىلارغا بولغان 4 تۈمەن يۈەن قىمار قەرزىنى ئۆزىگە بېرىدىغان قىلىۋىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خۇXXنى مەجبۇرى ماشىنسىغا سېلىپ، ئىدىقۇت رايونى بۆلىكىدىكى ** يولىنىڭ ئۈستىدىكى سايلىققا ئېلىپ بېرىپ تەھدىت سېلىپ 3 تۈمەن يۈەنلىك قەرز ھۆججىتى يازدۇرغان. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، جاۋابكار قۇXX ،ئوXX قاتارلىقلار ئىدىقۇت رايونى ** يولىغا جايلاشقان ** سودا مەيدانىنىڭ ئالدىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خۇ**نى ئۇرۇپ تىللاپ قىمار قەرزىنى قايتۇرۇشقا قىستىغان.

جاۋاپكارلارنىڭ قىمارۋازلىق جىنايى پاكىتلىرى :

17. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئەXX، مەXXلەر جاۋاپكار ئەXXنىڭ ئىدىقۇت رايونى **بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپىدىكى ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، ئاXX، ئەXX، كېXX، مۇXX قاتارلىقلار بىلەن قىمار ئوينىغان، جاۋابكار مە XX جاۋابكار ئەXXغا ۋاكالىتەن 13400 يۈەن چوتور يىغقان، جاۋابكار ئەXX جاۋابكار مە XXگە 200 يۈەن پايدا بەرگەن.

18. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار قۇXX ئىلگىركى تۇرپان شەھىرى ** يېزىسى **كەنتىدىكى مەXXنىڭ ئۆيىدە قىمار سورىنى تەشكىللەپ، ئاXX، ئاXX، ئۆXX، ئاXX، مەXX قاتارلىقلار بىلەن قىمار ئوينىغان، قىمار سورىنىدا جاۋابكار قۇXX 10000 يۈەن چوتو يىغقان.

جاۋاپكارلارنىڭ قانونسىز سولاپ قويۇش جىنايى پاكىتى :

19. 2010-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئە،XX  مۇXX ۋە ئاXX قاتارلىقلار ئىلگىرىكى  تۇرپان شەھىرى ** يولى **غا جايلاشقان ** نىڭ ئايرىمخانىسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ دىلو مەلۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX بىلەن ئاXXنى ئىلگىركى تۇرپان شەھىرى **غا جايلاشقان ** نىڭ ئاستىدىكى جاۋابكار ئەXXنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ ئۈچ كۈن ئەتراپىدا جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن.

جاۋاپكار ئەXXنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايى پاكىتى :

20. 2011-يىلى 11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئەXX ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى ** يولى **غا جايلاشقان **دا ئۆXX قاتارلىقلارنىڭ جېدەل چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئادىمى مۇXXنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆXXنى قورقۇتۇپ تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭ ئاكىسى ئاXX ئارقىلىق  مۇXXغا  5000 يۈەن ئېلىپ بەرگەن.

جاۋاپكارلارنىڭ قانونسىز قىلمىشلىرى : 

     1. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئەXX ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپىدىكى ئۆيىدە، ئاXXنىڭ تەلىپى بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ماXXنى قورقۇتۇپ تەھدىت سېلىپ ئۇنىڭغا ئاXXگە قارىتا 84 تۈمەن يۈەنگە مەجبورىي قەرز ھۆججىتى يازدۇرغان. 

2. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، جاۋابكار ئە،XX قۇXX ئىككىسى ئىدىقۇت رايونى ** يولىغا جايلاشقان توXX ئاچقان شاھماتخانىغا بېرىپ، شۇ جايدا قىمار ئويناۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىXXدىكى قىمار قەرزىنى سۈيلەپ، ئۇنى ئۇرۇپ -تىللاپ، ئالدىدىكى پۇلىنى تارتىۋالغان. ئىXX مۇشۇ پۇل ئارقىلىق قىمار ئويناپ قەرزنى قايتۇرىدىغانلىقىنى دېگەندىن كېيىن جاۋابكار ئەXX تارتىۋالغان پۇلنى ئىXXغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

3. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار ئەXX ئىلگىرىكى تۇرپان شەھىرى ** يولىغا جايلاشقان بىر مېھمانخانىنىڭ ياتىقىدا قىمار ئويناپ، ئۆزىگە قىمار قەرزى بولغان ئاXXنى مەجبورىي ياتاقتا ئېلىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا 3 مىڭ يۈەنگە قەرز ھۆججىتى يازدۇرغان. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، جاۋابكار ئەXX ،ئەXX ئىككىسى ئاXXنىڭ ئۆيىگە بېرىپ 3 مىڭ  يۈەننى ئېلىۋالغان. 

4. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋابكار غاXXئىدىقۇت رايونى ** يېزىسى ** كەنتى  **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق پوXXنىڭ ئۆيىدىكى جاۋاپكار قۇXX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئاXXدىن مەجبورى تۇتۇپ قالغان **ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى باشقىلارغا 2 مىڭ  يۈەنگە سېتىپ پۇلىنى خەجلىۋالغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :

 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى ۋە بايانى، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارلىرى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ يازما ئىسپاتلار؛ تونۇتۇش خاتىرسى ۋە سۆرەتلىرى؛ ئۈن-سىن لېنتىسى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئەXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، توپلىشىپ قىمار ئوينىغان قىلمىشىدىن قىمارۋازلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويۇپ، ئۇلارنى جىسمانى ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان قىلمىشىدىن قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارنى قىستاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ پۇل- ماللىرىنى قاقتى-سوقتى قىلغان قىلمىشىدىن قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋابكار قۇXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ، باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، توپلىشىپ قىمار ئوينىغان قىلمىشىدىن قىمارۋازلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋابكار مۇXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ، باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويۇپ، ئۇلارنى جىسمانى ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان قىلمىشىدىن قانۇنسىز سولاپ قويۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋابكار غاXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋابكار ئوXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋابكار ئاXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ، باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋابكار مە XXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ، باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، توپلىشىپ قىمار ئوينىغان قىلمىشىدىن قىمارۋازلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋابكار ئەXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ، باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

جاۋابكار ئۆXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئاممىۋى سورۇنلاردا قەستەن قۇسۇر تېپىپ، ئورۇنسىز جېدەل چىقىرىپ، باشقىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

دىلونىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت، جاۋاپكار ئەXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 293-ماددىسى، 303-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 238-ماددىسى، 274-ماددىسى، 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 26-ماددىسى، 69-ماددىسى، 77-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جاۋاپكار قۇXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى»نىڭ 293-ماددىسى، 303-ماددىسى 1-تارمىقى، 25-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 26-ماددىسى، 69-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جاۋاپكار مۇXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى»نىڭ 293-ماددىسى، 238-ماددىسى، 25-ماددىسى، 27-ماددىسى، 69-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جاۋاپكار غاXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى»نىڭ 293-ماددىسى، 25-ماددىسى، 27-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جاۋاپكار ئوXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى»نىڭ 293-ماددىسى، 25-ماددىسى، 27-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جاۋاپكار ئاXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 293-ماددىسى، 77-ماددىسى ۋە 25-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جاۋاپكار مە XXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى»نىڭ 293-ماددىسى، 303-ماددىسى 1-تارمىقى، 25-ماددىسى، 69-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جاۋاپكار ئەXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى»نىڭ 293-ماددىسى، 25-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، جاۋاپكار ئۈXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى»نىڭ 293-ماددىسى، 25-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا، جاۋابكار ئە،XX قۇ،XX مۇXX ،غاXX،ئو،XX ئا،XX مە ، XXئە،XX ئۆXXقاتارلىقلارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                           باش تەپتىش : ئەنۋەر قادىر

                                 تەپتىش : ئاينۇرگۈل ئەخمەت

                               2020-يىلى 4-ئاينىڭ  6-كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكار ئەXX ،قۇ XX ،مۇ ،XXمە، XX  ئاXX قاتارلىقلار ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانىدا قاماقتا. جاۋابكار غاXX ، ئو،XX ئە،XX ئۆXXقاتارلىقلار كېپىلدە،

 2. دىلونىڭ ج خ ئارخىپى 18 توپلام، تەپتىش ئارخىپى بىر توپلام، ئەيىبنامىسى 48 نۇسخا بىرگە يوللاندى.

3. جاۋاپكارلارنىڭ سوراق جەريانى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، ھېسابات تەكشۈرۈش خاتىرىسى ئېلىنغان ئۈن- سىن لېنتىسى 50 دانە دىلو  بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top