欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某等2人涉嫌抢劫案)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 103-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:  

1.جاۋابكار ئە**، ئەر ، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى 652927********1019؛ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، ئۆي بىزەكچىسى،  ئۈ** ناھيسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى : ئۈ** ناھيە ئا** يىزا ج** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇلاڭچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويچە توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان، 2020-  يىلى 1-ئاينىڭ 13- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان .

2. جاۋابكار ئا**، ئەر، ئويغۇر،**ياش،  ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى؛X 111 ********652926 ساۋاتسىز ، ناۋاي،   توقسۇ ناھيسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى : ئى** بازار ئۇ** ك** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇلاڭچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويچە توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان، 2020 - يىلى 1-ئاينىڭ 13- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان . 

جاۋاپكار ئە** ، ئا**لارنىڭ بۇلاڭچىلىق جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 88–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارلارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى  ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار ئە**، ئا**لار 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:00لار ئەتىراپىدا ، توقسۇ ناھيە تاشئېرىق بازار 314-لىنيە يول بويدىكى يوڭخې مىھمانخانسىنىڭ يېندىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنغا كىرىپ ھاراق ئىچكەن . بۇ چاغدا زىيانلانغۇچى ت**مۇ ھاراق ئىچىش ئۈچۈن شۇ دۇكانغا كىرىپ، ئۆزى يالغۇز ئايرىم ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن. سائەت 23:30لەر ئەتىراپىدا ت** ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىين ئۆيگە قايتماقچى بۇلۇپ دۇكاننىڭ ئالدىغا چىققاندا، جاۋاپكار ئا**زىيانلانغۇچى ت**دىن تاماكا سورىغان، ت** يانچۇقىدىن تاماكا ئېلىش جەريانىدا، جاۋاپكار ئا** ت**نىڭ چاپاننىڭ سىرىتقى يانچۇقىغا سېلىپ قويغان پۇلنى كۈرۈپ ، ت**نىڭ 49يۈەن پۇلسىنى تارتىۋالغان، ئاندىن ت** جاۋاپكار ئا**غا پۇلنى قايتۇرۇپ بەر دىگەندە ،  ئا** پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. ت**پۇلنى قايتۇرۇپ ئالالمىغاندىن كىين باشتىكى ھاراق ئىچكەن دۇكانغا كىرىپ ئا** بىلەن بىرگە ھاراق ئىچكەن جاۋاپكار ئە**نىڭ يېنغا بېرىپ ئاغىنەڭ پۇلۇمنى ئېلۋېلىپ بەرمەيۋاتىدۇ دىگەن ، جاۋاپكار ئە** مەن پۇلۇڭنى ئېلىپ بېرىمەن دەپ ت** بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ، ت**دىن تاماكا سورىغان، ت** ئە**ىغا تاماكا ئېلىپ بىرىش جەريانىدا، جاۋاپكار ئە** ت**نىڭ چاپىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان پۇللارنى كۆرۈپ ، پۇللارنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە مەن پۇلىڭنى ئېلىپ بېرەي دەپ تۇرجۇن نىيازنى جاۋاپكار ئا**نىڭ يېنغا باشلاپ ئېلىپ بارغان ۋە ئا**غا بۇنىڭ يانچۇقىدا پۇل بار ئىكەن، بىز پۇللارنى ئېلۋېلىپ خەجلىمەيمىزمۇ دىگەندە، جاۋاپكار ئا** قۇشۇلغان. ئاندىن ئۇلار زىيانلانغۇچى ت**نى ئادەم يوق كونا ئۇلاق بازىرنىڭ يېندىكى تاركوچىغا ئاپىرىپ شۇ يەردە پۇلنى ئېلۋېلىشنى مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، ت**نى سەندىن ئېلۋالغان پۇلغا بىرگە ھاراق ئېلىپ ئىچەيلى دەپ ئالداپ، توقسۇ ناھيە كونا ئۇلاق بازىرىنىڭ شىمالى تەرپىدىكى تار كوچىغا ئېلىپ كىرىپ 100مىتىرچە ماڭغاندىن كىين،  جاۋاپكار ئە**ت**نى پۇتلاپ ئوڭدىسىغا  يېقىتىپ ت**نىڭ چاپىنىنى تارتقان ، جاۋاپكار ئا**ت**نىڭ پۇتىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۋالغان ، بۇ ۋاقىتتا زىيانلانغۇچى ت**ئادەم بارمۇ دەپ توۋلىغان ، جاۋاپكار ئا** ت**نىڭ ئاغزىنى ئىتۋالغان ، جاۋاپكار  ئە**ت**نىڭ چاپىنىنىڭ سىرتىمىسىنى تارتىپ ئېچۋېتىپ، زىيانلانغۇچى ت**نىڭ چاپىننىڭ سول تەرەپ ئىچ يانچۇقىنى چاپاننىڭ ئەستىرى بىلەن قۇشۇپ  تارتقاندا ، چاپاننىڭ ئەستىرى يىرتىلىپ 900يۈەن نەق پۇل يەرگە چۈشكەن، ئاندىن جاۋاپكار  ئە** پۇللارنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن، ئارقىدىن جاۋاپكار ئا**مۇ ئە**ىنىڭ كەينىدىن قېچىپ كەتكەن .  ئاندىن جاۋاپكارلار بۇلىۋالغان پۇلنى بۈلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىين  زىيانلانغۇچىنىڭ 200يۈەن زىينى ئەسلىگە كەلگەن . 

يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، ئېنىقلاش – تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن- سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكارلار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار. 

مەھكىممىز، جاۋابكار ئە** ، ئا**لارنىڭ قىلمىشىدىن  بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ئە**، ئا**لارغا  « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 263-ماددا ، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قۇشۇمچە 3000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : مۇنىرە ئېلى 

تەپتىش : ئەمەر ئەمەت

                 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى

قۇشۇمچە : ① جاۋابكارلار ھازىر توقسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى . 13 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە  پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top