欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某诈骗案)(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                            ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 199- نومۇرلۇق

باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئە***، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: **********652926،* ناھىيە ** يېزا** كەنت **گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

 باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى (2020) 57-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ، دەلىل- ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئە** 0220-يىلى 4-ئاينىڭ 20- كۈنلىرى ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىدىكى «** ئۇچۇر توپى» دىگەن ئۈندىدار ئۇچۇر توپىغا «توكسىكىلىت ساتىمەن» دەپ ئۇچۇر يوللىغان، زىيانلانغۇچى ي** مەزكۇر ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكار ئە**كە توكسىكىلىت سېتۋالدىغانلىقى توغىرىسىدا تىلفۇن قىلغاندا، جاۋابكار ئە**، زىيانلانغۇچى ي**قا ئۈندىداردا پاراڭلىشىشنى ئېيتىپ ئۈندىدارغا قۇشۇپ پاراڭلاشقاندىن كىيىن، جاۋابكار ئە** زىيانلانغۇچى ي**قا ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ رەسمىنى يوللاپ بەرگەندىن كىيىن، جاۋابكار ئە**، زىيانلانغۇچى ي**قا بىر دانە توكسىكىلتنى 2100.00 يۈەنگە سېتىپ بىرىدىغانغا دىيشىپ، زىيانلانغۇچى ي**قا ئۈندىدار ئىككلىك كود نۇمرىنى يوللاپ بەرگەن، زىيانلانغۇچى ي** جاۋابكار ئە** ئەۋەتىپ بەرگەن ئۈندىدار ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ ئارقىلىق جاۋابكار ئە**نىڭ ئۈندىدارىغا 2100.00 يۈەننى ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئە**پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن زىيانلانغۇچى ي**قا توكسىكىلىتنى سېلىپ بەرمىگەن ھەم زىيانلانغۇچى ي** توكسىكىلىتنى سېلىپ بىرىشنى ياكى پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى ئېيىتقاندا جاۋابكار ئە** تۈرلۈك باھانە-سەۋەپ كۆرسۈتۈپ زىيانلانغۇچى ي**نىڭ پۇلىسىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. 

زىيانلانغۇچى ئە** 2020- يىلى 5-ئاينىڭ 2- كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىدىكى «** ئۇچۇر توپى» دىگەن توپتىن جاۋابكار ئە** يوللىغان توكسىكلىت سېتىش توغىرىسىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن، جاۋابكار ئە**كە توكسىكلىت سېتۋىلىش ئۈچۈن تىلفۇن قىلغاندا، جاۋابكار ئە**، زىيانلانغۇچى ئە**غا ئۈندىداردا پاراڭلىشىشنى ئېيتىپ ئۈندىدارغا قۇشۇپ پاراڭلاشقاندىن كىيىن، جاۋابكار ئە** زىيانلانغۇچى ئ**غا ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ رەسمىنى يوللاپ بەرگەن، جاۋابكار ئە** زىيانلانغۇچى ئە**غا بىر دانە توكسىكىلتنى 00. 2100 يۈەنگە سېتىپ بىرىدىغانغا دىيىشكەندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئە** 2100.00 يۈەننى ئۈندىدار ئارقىلىق جاۋابكار **نىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكارئە ** پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن زىيانلانغۇچى ئە**غا توكسىكىلىتنى سېلىپ بەرمىگەن ھەم زىيانلانغۇچى ئە** توكسىكىلىتنى سېلىپ بىرىشنى ياكى پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى ئېيىتقاندا، جاۋابكار ئە** تۈرلۈك باھانە-سەۋەپ كۆرسۈتۈپ زىيانلانغۇچى ئە** پۇلىسىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

دېلو پاش بولغاندىن كىيىن يۇقارقى 4200.00 يۈەن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، كۆرۈش- ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز،جاۋابكار ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق (تېلگىراف)جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، بىكتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

  تەپتىش: ئىسراپىل ئىسكەندەر

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

پۈتۈكچى: تۇرسۇنگۈل مەمەت

ئىزاھات:

1) بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش     تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كىلىشىمنامىسى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش قارارنامىسى، تۆت دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە(تىلفۇن نۇمىرى: ********131)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top