温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕199号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020 )199-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى :0530XXXXXX65292219. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە، ئونسۇ ناھىيە XXبازار XX ئولتۇراق رايۇنىXXبىنا XXكورپۇس XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئونسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارىسى XX ساقچىخاننىڭ ياردەمچى ساقچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار ئەXXنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىغا داۋا جەريانىدىكى ھوقۇق مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
1. جاۋابكار ئەXX 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئونسۇ ج خ ئىدارىسىXX ساقچىخانا ئونسۇ ناھىيە XX ئولتۇراق رايۇنىدا XXخىزمىتىگە ياردەملىشىش جەريانىدا، مۇشۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان يۈXXنى ئۇبۇرنىغا ئېلىپ چىققان، بۇ ۋاقىتتا يۈXX جاۋابكار ئەXXگە پۇل لازىم بولسا ئۆزىنىڭ ئايالىغا تېلفۇن قىلسا ئايالنىڭ پۇل بېرىپ تۇردىغانلىقىنى دىگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار ئەXX يۈXXتىن ئايالى رXXنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى ۋە ئۈندىدار نومۇرنى سوراپ، زىيانلانغۇچى رXXنىڭ ئۈندىدارنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا قۇشقان ھەم ئۈندىداردا ئۆزىنىڭ XXئولتۇراق رايۇندىكى XX گۇرۇپىسىدىكى ساقچى ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچى رXXنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۋاتقان يولدىشى يۈXXنىڭ دەپ بەرگەنلىكىنى، يۈXXنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە ياخشى تۇرغانلىقىنى ھەمدە جاۋابكار ئەXX ئۆزىگە پۇل لازىم ئىكەنلىكىنى، يۈXXنىڭ سىز (يەنى زىيانلانغۇچى رXXگە تېلفۇن قىلسا پۇل بېرىپ تۇردۇ دېگەنلىكىنى دەپ زىيانلانغۇچى رXXدىن 1000يۈەن پۇل قەررىز ھېسابىدا سورىغان، شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى رXX 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆزىنىڭ (ئۈندىدار ئىسمى:XX)ئۈندىدار ئارقىلىق جاۋابكار ئەXXىڭ ئۈندىدارىغا(ئۈندىدار ئىسمى: XX) 1000يۈەن پۇلنى ئېتىپ بەرگەن، جاۋابكار ئەXX 1000يۈەن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شەخسى ئىشىغا ئىشلەتكەن، يەنە 3 كۈندىن كېيىن جاۋابكار ئەXXيۈXXنى ئۇبۇرنىغا ئېلىپ چىققان ۋاقىتتا، يۈXXقا «ئەگەر بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىغان بولساڭ 15000يۈەن پۇل تەييار قىل مەن مۇناسىۋەتلىك كىشلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، يولىڭنى مېڭىپ، سېنى قۇيۇپ بەرگۈزىمەن» دەپ ئالدىغان ھەم جاۋابكار ئەXX يۈXXنى ئۇبۇرنىغا ئېلىپ چىققان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق يۈXX بىلەن زىيانلانغۇچى رXXنى سۆرەتلىك كۆرۈشتۈرگەن، كۆرۈشۈش جەريانىدا، يۈXX ئايالى زىيانلانغۇچى رXXگە ئامال قىلىپ 15000يۈەن پۇلنى جاۋابكار ئەXXىڭ ئۈندىدارغا يوللاپ بېرىشنى دىگەن، زىيانلانغۇچى رXX 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى (ئۈندىدار ئىسمى:XX) ئارقىلىق جاۋابكار ئەXXىڭ ئۈندىدارغا (ئۈندىدار نۇمۇرى: XX) 15000يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋابكار ئەXXپۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 15000يۈەن پۇلنىڭ 7000يۈەن پۇلنى ئاپسىغا ئىشلىتىشكە بەرگەن، 6000يۈەن پۇلنى باشقىلارغا قەرىز قايتۇرۇشقا ئىشلەتكەن، قالغان 2000 يۈەن پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. جاۋابكار ئەXX 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئونسۇ ج خ ئىدارىسى XX ساقچىخانا ئونسۇ ناھىيە XXئولتۇراق رايۇنىدا XXخىزمىتىگە ياردەملىشىش جەريانىدا، شۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان ئاXXنى ئۇبۇرنىغا ئېلىپ چىققاش ئاXXتىن ئۆيدىكىلرىنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سوراپ، لازىمەتلىك نەرىسلەر بولسا ئۆيىدىكى كىشلەرگە تېلفۇن قىلىپ ئەكەلتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى دىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاXX ئۆزىنىڭ ئاكىسى زىيانلانغۇچى ئاXXXنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى جاۋابكار ئەXXگە دەپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار ئەXX زىيالانغۇچى ئاXXXنىڭ تېلفۇن نومۇرى ئارقىلىق زىيانلانغۇچى ئاXXXنىڭ ئۈندىدارىنى قوشقان ھەم ئۈندىداردا زىيانلانغۇچى ئاXXXكە ئۆزىنى ئونسۇ بازار XXئولتۇراق رايۇندا تۇرشلۇق XXخىزمەت گۇرۇپىسىدىكى ساقچىلارنىڭ باشلىقى دەپ تۇنۇشتۇرۇپ، ئاXXنىڭ ياخشى تۇرۋاتقانلىقى دىگەن، ئاندىن كېيىن پۇل بولسا 100يۈەن پۇل ئېتىپ بېرىشىنى دىگەن، زىيانلانغۇچى ئاXXX ماقۇل بولۇپ، ئۈندىداردا(ئۈندىدار ئىسمى:XX) 100يۈەن پۇلنى جاۋابكار ئەXXىڭ ئۈندىدارغا(ئۈندىدار نۇمۇرى: XX) يوللاپ بەرگەن، شۇ كۈنى جاۋابكار ئەXXزىيانلانغۇچى ئاXXXكە ئۈندىدار ئارقىلىق خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلۋاتقان ئىنىسى ئاXXنىڭ يولنى مېڭىپ، تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇرۇندىن قويۇپ بەرگۈزدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 2000يۈەن پۇل بېرىشىنى، بۇ پۇلغا مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنى مېھمان قىلدىغانلىقىنى دىگەن، زىيانلانغۇچى ئاXXXماقۇل بۇلۇپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار ئەXXنىڭ ئۈندىدارغا 2000يۈەن پۇلنى يوللاپ بەرگەن، جاۋابكار ئەXXپۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 2000يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئىشلتىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئومۇمي زىيان 17000يۈەن تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلانىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئەXXنىڭ قانۇنسىز ئىگىلۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلۋالغان قىلمىشدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، ئالدامچىلىق جىنايەتلىرىنى جازالاپ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. جاۋابكار ئەXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە يىنىكلىتىپ جازا بىرىشكە بولىدۇ. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار ئەXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مۆيدىن ئىبراھىم
پۈتۈكچى: ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخنامىسى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر كېپىلدە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论