欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某诈骗案)_博乐市人民检察院

2021-09-26 独角龙 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕19号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020)19-نومۇرلۇق

     جاۋابكار ھە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1985-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6527011985********، مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر * ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورۇپۇس **-نومۇرلۇق ئۆي، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ** ساقچىخانىسى. جاۋابكار ھە**ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 07-ئاينىڭ 01-كۈنى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان، 2019-يىلى 07-ئاينىڭ 09-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

 مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 05-كۈنى (2019)296-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ھە**نى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. دىلو ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:

     1. 2019-يىلى 3-ئاي ئەتراپىدا، جاۋابكار ھە**ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە، ئۆزىنى بورتالا ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ي**نىڭ خىزمىتىنى يۆتكەپ قويۇشنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ي**نىڭ 6300 يۈەن( ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز يۈەن) خەلق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئىگىسىگە تولۇق قايتۇرۇلغان. 

    2. 2019-يىلى 3-ئاي ئەتراپىدا، جاۋابكار ھە** ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە، ئۆزىنى بورتالا ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ز**نىڭ خىزمىتىنى يۆتكەپ قويۇشنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ز**نىڭ 6200 يۈەن( ئالتە مىڭ ئىككى يۈز يۈەن) خەلق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. زىيان ئىگىسىگە تولۇق قايتۇرۇلغان. 

  يۇقارقى جىنايى پاكىتنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ھە** قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكت ئويدۇرۇپ چىقىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ 12500 يۈەن (ئون ئىككى مىڭ بەش يۈز يۈەن) خەلق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، مىقدارى كۆپرەك. جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 266-ماددىسىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پاكت ئىنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : گۇلجامال نۇرتاش

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى

قوشۇمچە :

1)جاۋابكار ھە**بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2)دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، ج خ ئىككى توپلام، تەپتىش بىر توپلام، 2 دانە پىلاستىنكا بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top