和静县人民检察院
起 诉 书
和静县检公诉刑诉〔2020〕13号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020)13– نومۇرلۇق
جاۋابكار ئەر**،ئەر،ئۇيغۇر،1989–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى6528271989********،**مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى: ئاشپەز، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** ناھىيە ** بازىرى **كەنىت**-گۇرۇپپا**-نۇمۇر،2019-يىلى6-ئاينىڭ11-كۇنى زەھەرلىك چىكىمىلىك ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى6-ئاينىڭ20-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى :** ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇشتا، ھازىر خېجىڭ ناھيىلىك قاماقخانىسىدا قاماقلىق.
جاۋابكار ئە**ىڭ زەھەرلىك چىكىملىك ئېلىپ-سېتىش دىلوسى ئۈستىدە خىجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقنى ئۇقتۇردى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ دىلونىڭ پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلدى، دىلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە ئىككى قېتىم قايتۇرۇلدى، جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار ئە**بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكارئەر**مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى، ھازىر دېلو تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە:
2019-يىلى2-ئاينىڭ4-كۈنى ئا**،ئا**لار ئايرىم-ئايرىم ھالدا جاۋابكار ئەر**غا تېلفۇن قىلىپ زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا تېپىپ بېرىشنى ئېيتقان ، جاۋابكار ئە** ماقۇل بۇلۇپ تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن،** ناھىيە **كەنتىدە تۇرۇشلۇق ي**(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىندى) بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ،زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان،يۈ** ئۆزىدە زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا بارلىقىنى ئېيتقاندىن كىيىن،جاۋابكار ئە**ئا** بىلەن ئا**ئىككىسگە تېلفۇن قىلىپ،ئۆزىنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا تاپقانلىقىنى ئېيتقان،شۇنىڭ بىلەن ئا**جاۋابكارئە**غا زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا سېتىۋېلىش ئۈچۈن1000يۈەن پۇل بەرگەن،ئا** زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا سېتىۋېلىش ئۈچۈن100يۈەن پۇل بەرگەن ،جاۋابكارئە**1100يۈەن پۇلنى ئېلىپ،** ناھىيە **كەنتىگە بېرىپ،يۈ**ىن12بولاق(ھەربىر بولىقىنىڭ ئېغىرلىقى0.5گىرام،جەمئى6گىرام)زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا سېتىۋېلىپ چىقىپ،خ** ناھىيە ** ئورمانچلىق مەيدانىنىڭ ئارقىدىكى تۈمۈر يولنىڭ ئۆتۈشمە ئېغىزىدا ئا**قا 10بولاق(ھەربىر بولىقىنىڭ ئېغىرلىقى0.5گىرام،جەمئى5گىرام)زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشا بەرگەن،ئاندىن **ناھىيە **دوختۇرخانىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىدا ئا**غا بىربولاق(ئېغىرلىقى0.5گىرام)زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشانى بېرىپ،قالغان بىر بولاق (ئېغىرلىقى0.5گىرام)زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشانى ئۆزى چىكىپ تۈگەتكەن.
بايىنغولىن ئوبلاستىلىق ج ج ئىدارىسى ماددى-ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2019)*****-نۇمۇرلۇق فىزىكىلىق-خېمىۋىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىداخېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى يۈ**ىن نەق مەيداندا يىغىۋالغان ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان يىشىل رەڭلىك ئۇۋاقسىمان ھالەتتىكى بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىنغان بۇ يىشىل رەڭلىك ئۇۋاق بۇيۇمنىڭ تەركىۋى 5F-ADB(ناتاشا )دەپ بىكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق سۈپەت-ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەش نەتىجىسى، بايىنغولىن ئوبلاستىلىق ج ج ئىدارىسى ماددى-ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ تەركىبىگە قارىتاباھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكارئە**دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگەخىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن زەھەرلىك بۇيۇمنى ئېلىپ ساتقان، جاۋابكار ئە**ئېلىپ-ساتقان دىلوغا چىتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇم ناتاشا (5F-ADB)نىڭ مىقدارى5.5گىرام بۇلۇپ، جاۋابكارنىڭ قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 347-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، زەھەرلىك چىكىملىك ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك.شۇڭا جاۋابكارئە**نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى
2020يىلى2-ئاينىڭ13-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار ئە** خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
2)دىلو ئارخىپى بىر توپلام .
3)ئەيىپنامەسەككىز نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论