博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕25号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 25-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 45 ياش، كىملىك نومۇرى: 6527011974******** ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، بورتالا شەھەر ** بازىرى ** كەنتىنىڭ سابىق پارتىيە ياچىيكا شۇجىسى قۇشۇمچە كەنىت ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ مۇدىرى، تۇرۇشلۇق ئورۇنى: بورتالا شەھەر ** بازىرى ** كەنتى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەر ** بازىرى چىگىرا ساقچىخانىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى خىيانەتچىلىك جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك رىۋىزىيە كومىتىتى تەرىپىدىن دىلو ئېچىپ تەكشۈرۈلگەن، 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى ئىدارىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك رىۋىزىيە كومىتىتى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (2019) 7-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئە**نى خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2013-يىلى يىل ئاخىرىدا، جاۋاپكار ئە** بورتالا شەھەر ** بازىرى ** كەنتىنىڭ پارتىيە ياچىكا شۇجىسى، قۇشۇمچە كەنىت ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، بورتالا شەھەر ** بازىرى ** كەنتىنىڭ باقمىچىلىق تۈر مەبلىغى ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەخسىتىدە ،كەنىت ئەزاسى نۇ**، ئى**، قا** قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى يىغقان، كىيىن يۇقارقى ئۈچ كىشىنىڭ تەمىنلشى بويىچە نۇ**، ئى**،قا** باشقا يەنە تۇ**، ئا**، مى**،ئى**، يا**، ھۇ**، تۇ**، مە**، تۇ**، تۇ** قاتارلىق 13كىشىنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى يىغىپ، ئۆزىنىڭكىنىمۇ قوشۇپ(شۇ چاغدا ئۇ قوي كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانمىغان) جەمئى 14دانە سالاھىيەت كىنىشكىسىنى يىغىپ تۈرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋىلىش ئۈچۈن، ئە** دالتۇ بازىرى ** كەنتىنىڭ چارۋىچىسى نۇ**دىن 100تۇياقتىن ئارتۇق ساغلىق قوينى ئىجارە ئىلىپ تۇرغان، شۇنداقلا ئۇتۇبۇلاق بازىرى تۈر ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا ئىلى ئوبلاستىدىن سېتىۋالغان تەشكۈرۈپ كارانتىن قىلىش گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىللەپ تەشكۈرۈشتىن ئۆتكۈزىۋالغان. 2014-يىلىنىڭ بىشىدا، تۈر مەبلىغى تەكشۈرۇپ ئۆتكۈزۋىلىنغاندىن كېيىن، ئە** يوقۇردىن تەستىقلىنىپ چۈشكەن باقمىچىلىق تۈر مەبلىغى ياردەم پۇلىدىن 105مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان ، ئە** نۇ**، ئى**، قا** قاتارلىق 3كىشىنى نۇ**نىڭ ئۆيىدە يېغىپ، ئالداپ ئېلۋالغان 105مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغى ياردەم پۇلدىن 45مىڭ يۈەننى يوقارقى ئۈچ كىشىنىڭ ھەر بىرىگە 15مىڭ يۈەندىن بۆلۈپ بەرگەن.
جاۋاپكار ئە** خىيانەت قىلىنغان 105مىڭ يۈەن پۇلنى بورتالا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىنىڭ ھىساباتىغا تاپشۇرغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىقى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئە**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ 105مىڭ يۈەن پۇلىغا خىيانەت قىلغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 382-ماددىسىغا ئاساسەن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
قوشۇمچە :
1.جاۋاپكار كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرىتتا
1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاچىلار تىزىملىكى، ج خ ئۈچ توپلام، تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论