توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش ج ئى ئە چىقىش ( 2019 ) 224 -نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئى**،ئەر،ئۇيغۇر ،****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان،كىمىلىك نۇمۇرى: 0017********652123 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋېيىسىگە ئىگە، يۇرتى: **، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: **ناھىيە ** ئوتتۇرا ** تىنىچلىق ** كوچا **- نۇمۇر **- كورۇپۇس *- ئىشىك ***- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق،توقسۇن ناھىيىلىك ** سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى، بۇرۇن جازالانمغان.2019- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئورمان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى شەرقى تەڭرىتاغ شۇبە ئىدارىسى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق، خەۋېپ ئاستىدا قالغان ياۋايى- ھايۋىننى قانۇنسىز سېتىۋىلىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
جاۋاپكار ئى**نىڭ دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق،خەۋېپ ئاستىدا قالغان ياۋايى- ھايۋىننى قانۇنسىز سېتىۋىلىش جىنايىتى دېلوسىنى تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019 -يىلى 07-ئاينىڭ 15 -كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،دېلو ماتېرىياللىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ،چىقتۇق ھەمدە 2019-يىلى7-ئاينىڭ18-كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلۇغۇچى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش ئارقىلىق دېلو پاكىتى ۋە بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. مەھكىىمىمىز 2019-يىلى 8-ئاينىڭ16 -كۈنى دېلونىڭ سۈرۈك ۋاقتىنى ئۇزارتتۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلار
1.جاۋاپكار ئى** 2016- يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ‹ ئورمان شاتۇت › نامىدىكى ئۇندىدار توپىدىن، ئۆزى بېقىش مەقسىتىدە،900 يۈەن ( تۇققۇز يۈز يۈەن ) باھادا،ئىككى دانە ‹ كىچىك قۇياش › شاتۇتىنى سېتىۋېلىپ ئۆز ئۆيىدە باققان، بىقىش جەريانىدا ‹ كىچىك قۇياش › شاتۇتدىن بىر دانە ئۇچۇپ كىتىپ،بىر دانىسىنى داۋاملىق ئۆيىدە باققان.
2.جاۋاپكار ئى** 2017- يىلى 10- ئايلار ئەتىراپىدا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر شاتۇتقا ئائىت ئۇندىدار توپىدىن،ئۆزى بىقىش مەقسىتىدە، 7500 يۈەن ( يەتتە مىڭ بەش يۇز يۈەن ) باھادا،تۆت دانە‹ راھىپ › شاتۇتنى سىتىۋېلىپ ئۆز ئۆيىدە باققان، بېقىش جەريانىدا ‹ راھىپ › شاتۇتدىن بىرسى ئۇچۇپ كىتىپ، قالغان ئۈچ دانە ‹ راھىپ › شاتوتىن بىرسى ئۇچۇپ كىتىپ، قالغان ئۈچ دانە ‹ راھىپ › شاتۇۇتنى داۋاملىق ئۆيىدە باققان.
3.جاۋاپكار ئى** 2019- يىلى 2- ئايدا ئۇندىدار ئارقىلىق خوتەنلىك بىرەيلەندىن ئۆزى بىقىش مەقسىتىدە، 2000 يۈەن ( ئىككى مىڭ يۈەن ) باھادا، بەش دانە ‹ كىچىك قۇياش › شاتۇتنى سىتىۋىلىپ ئۆيىدە باققان.
جاۋاپكار ئى** ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ، ئۈچ قېتىمدا جەمئىي 7 دانە ‹ كىچىك قۇياش › شاتۇتى، 4 دانە ‹ راھىپ ›شاتۇتىنى سېتىۋالغان. بېقىش جەريانىدا بىر دانە ‹‹ كىچىك قۇياش › شاتۇتى،بىر دانە ‹ راھىپ ›› شاتۇتى ئۈچۈپ كېتىپ، قالغان شاتۇتلارنى 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە قەدەر ئۆز ئۆيىدە باققان.
جاۋاپكار ئى** ئۇندىدار ئارقىلىق سېتىۋىلىپ 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ئۆز ئۆيىدە باققان 6 دانە ‹ كىچىك قۇياش › شاتۇتى، 3 دانە ‹ راھىپ › شاتۇتى بولسا:‹‹ خەۋىپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋان ۋە ئۈسۈملۈكلەر خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى ››نىڭ 2- ئىلاۋىسىگە كىرگۈزۈلگەن،دۆلەت تەرىپىدىن 2- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى بېكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
دېلو ئېچىش،دېلو تۇرغۇزۇش،نەپۇس ئىسپاتلىقى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قىلىنغان ماددىي بۇيۇم،ھۆججەتلەر تىزىملىكى،تۇنۇتۇش خاتىرىسى ( سېتىۋالغان ياۋايى ھايۋاننىڭ)،تۇنۇتۇش خاتىرىسى( ياۋايى ھايۋاننى سېتىپ بەرگۈچىنىڭ) ئۈندىدار سودىسىدىكى ھىسابات ئۇچۇرى ئىسپاتى، شىنجاڭ جېنگۇاندا يېزا ئىگىلىك تىخنىكا چەكلىك ياۋايى ھايۋان تۈرىنى ۋە قىممىتىنى تىخنىكىلىق باھالاش پىكىرى قاتارلىقلار دېلودا بار بولۇپ،دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم راست.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە؛جاۋاپكار ئى**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق، خەۋېپ ئاستىدا قالغان ياۋايى- ھايۋىننى قانۇنسىز سېتىۋىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدىغان بولۇپ،جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى تۇلۇق ھەم راست.
شۇڭا مەھكىمىمىز دۆلەت قانۇننى قوغداش،شۇ ئارقىلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش،شۇ ئارقىلىق،خەۋېپ ئاستىدا قالغان ياۋايى- ھايۋىننى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار ئى**نى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 341- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك،دەپ قاراپ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلەپ يوللىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: رەيھانگۇل كىرەم
2019- يىلى 08- ئاينىڭ 24- كۈنى
قۇشۇمچە:
1.جاۋاپكار ئى** ھازىر ئائىلىىسدە كېپىلدە.
2.بۇ دېلو ج خ توپلام ئۈچ توپلام تەپتىش توپلام بىر توپلام بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论