欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某)(危险驾驶罪)(公开版)

2021-09-23 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2020) 93-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0090**652925. باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، توقسۇ ناھىيسىدىن،** بازار** ئولتۇراق رايۇنى** رايۇن **-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇررۇشلۇق. 1999-يىلى توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن 13 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2007-يىلى كەچرۈم بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن، 2019-يىلى1-ئاينىڭ 18-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كېپىلىكىتىن بىكار قىلىنىپ، شۇ كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى قايتا كېپىلگە بىرلىگەن.

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئە**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2019) 208-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

   جاۋابكار ئە** 2018-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 17:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قارشى تەرپىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىككى بوتۇلكا قىزىل ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، سائەت 18:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا سوغوق ئىچىملىك دۇكىندىن چىقىپ، توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل ئولتۇراق رايۇنى B رايۇننىڭ ماشىنا توختىتۇش مەيدانىغا توختىتۇپ قويغان 新NN4686 نۇمۇر ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزا توغراقۇم كەنت 1-گوروپتىكى قېينىئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئايالى بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئىچئېرىق يېزا توغراقۇم كەنت مەھەللە كومتىتىنىڭ خىزمەتچىللىرى كېلىپ ئە**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەن گۇمان بىلەن دىلو مەلۇم قىلغان، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى دىلو قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تەكشۈرۈش جەريانىدا  新NN4686 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى ھەيدىگۈچى ئە**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ،ئە**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان، 

  شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 8078-نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە:ئە**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 112 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن   ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار         ئە**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا، 67-ماددسىنىڭ 3-تارمقىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 2ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 4 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                  تەپتىش : گۇلەم تاش

                      تەپتىش:    مۇنىرە ئېلى

                                   2020-يىلى4-ئاينىڭ 6-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top