ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)72–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501051984، تولۇق كۇرۇس مەلۇماتلىق،** مۇداپىئە خادىمى، ھازىرقى ۋە نوپۇستىكى ئادرېسى : **رايونى **كوچا **– نومۇر **– بىنا **- نومۇر. 2019 -يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقىلىغان. 2020-يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك1-قاماقخانىدا قاماقتا.
جاۋابكار غە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501031984، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپ مەلۇماتلىق، ھازىرقى ۋە نوپۇستىكى ئادرېسى : **شەھەر **رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر ** ئولتۇراق رايۇنى **-قارار **-بىنا **-كورپۇس **-ئۆيدە. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 6-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئە**،غە**لارنىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 26-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى دىلونى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۇنىدىن 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بىر قېتىم 15كۈن ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچە سائەت 04:30 ئۆتكەندە زەھەر سېتىۋالغۇچى شى** ، **رايۇنى **ئولتۇراق رايۇنى يول بويىدىن ماشىننىڭ ئىچىدىن ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئىككى بولاق ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئۇرالغان سارغۇچ يېشىل رەڭلىك پارچە يۇپۇرماقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمىنى قۇلغا چۈشۈرگەن. بۇنى **رايونى** يولى **-قارار ئەتراپىدا جاۋابكار ئە**دىن 200يۇەنگە سېتىۋالغانلىقىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن ج خ خادىملىرى سايباغ رايونى يېزا –ئىگىلىك داشۆسى 10-رايوندىن جاۋابكار ئە**نى تۇتۇپ نەق مەيداندا يېنىدىن بىر بۇلاق ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئۇرالغان سارغۇچ يېشىل رەڭلىك پارچە يۇپۇرماقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمىنى قۇلغا چۈشۈرگەن. شۇ كۈنى جاۋابكار ئە** گۇۋاھچى شى**قا سېتىپ بەرگەن ۋە يېنىدىن چىققان بىر بولاق ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئۇرالغان سارغۇچ يېشىل رەڭلىك پارچە يۇپۇرماقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمىنى جاۋابكار غەيرەت مامۇتتىن 350يۇەنگە سىتىۋالغانلىقىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋابكار غە**نى**يولى **-قارار ئۆيىدىن ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى (2019) 286-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىدا جاۋابكار ئە**نىڭ باشقىلارغا ساتقان ۋە يېنىدىن چىققان ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان بىر بولاق سارغۇچ يېشىل رەڭلىك پارچە يوپۇرماقسىمان گۇمانلىق بويۇمنىڭ تەركىبىدىن باشقۇرۇشقا كىرگۈزۇلگەن زەھەرلىك چىكىملىك (AMB-FUBINACA,5F-ADB,ADB-FUBINACA) تەركىبى چىقمىغان بولۇپ، ئە**، غە**تىن 3 بولاق ناتاشا ئىلىپ شىر**قا ساتقان ئىككى بولاقنىڭ ئىغىرلىقى بولسا 0.618گىرام، ئە**نىڭ يىنىدىن چىققان بىر بولاقنىڭ ئىغىرلىقى 0.223گىرام، جاۋابكار غە**، ئە**گە ساتقان 3 بولاق ناتاشانىڭ ئومومىي ئېغىرلىقى 0.841گىرام دەپ باھالىغان.
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى **رايونى ** داشۆسى **-رايون ** ئىشخانىسىدىن باشقىلارغا زەھەر ساتقان جاۋابكار ئە**، تىيانشان جىنايى ئىشلار 4-ئەترەت تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
2020-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى **رايۇنى ** يولى **-قارار ئۆيىدىن جاۋابكار غە** تىيانشان جىنايى ئىشلار 4-ئەترەت تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئە** ،غە**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى شى**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
3. جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئە**،غە**لارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارلارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارلارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئە**،غە**لارنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان (ئەمەلگە ئاشمىغان) قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئەل**گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347- ماددىسى ،23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار غە**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347- ماددىسى، 23-ماددىسى ۋە 356-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشىڭىزلەر ئۈچۈن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 6–ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار ئە**، غە**لار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. 13 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论