阿克陶县人民检察院
起 诉 书
阿克陶县检刑检刑诉〔2020〕140号
被告人艾**,男性,1992年**月**日出生,居民身份证号码6530221992********,维吾尔族,初中,农民,政治面貌:群众,无前科,户籍所在地新疆维吾尔自治区克孜勒苏柯尔克孜自治州阿克陶县,住新疆阿克陶县**乡**路***号,因涉嫌故意伤害罪于2020年5月20日被阿克陶县公安局指定居所监视居住,因涉嫌故意伤害罪、故意毁坏财物罪,经阿克陶县公安局决定,于2020年5月29日刑事拘留,于2020年6月27日因涉嫌犯有故意毁坏财物罪,被我院批准逮捕。
本案由阿克陶县公安局侦查终结,以被告人艾**涉嫌煽动民族仇恨、民族歧视,故意伤害罪,故意毁坏财物罪,于2020年8月25日向本院移送起诉。本院受理后,已告知被告人有权委托辩护人,已告知被害人有权委托诉讼代理人,依法讯问了被告人,听取了被害人的意见,审查了全部案件材料。
经依法审查查明:
第一次:2020年5月15日11时许,被告人艾**在皮拉力乡1村7组受害人乌**的房子放火,造成损失111694.66元。
第二次:2020年5月20日用菜刀砍伤两个汉族人。
认定上述事实的证据如下:
1.物证;2.书证;3.证人证言;4.被害人陈述;5.被告人供述和辩解;6.鉴定意见;7.勘验、检查、辨认、侦查实验等笔录;8.视听资料。
本院认为,被告人艾**其行为触犯了《中华人民共和国刑法》第二百九十三条,第二百七十五条之规定,犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当以寻衅滋事罪,故意毁坏财物罪追究其刑事责任。根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条第一款的规定,提起公诉,请依法判处。
此致
阿克陶县人民法院
检察官:努热曼·吐尔逊
检察官助理:阿布都萨拉木。吾布力
2020年9月25日
(院印)
附件:1.被告人现在阿克陶县看守所。
2.被告人没有聘请辩护律师。
3.作案工具一个打火机,一个菜刀,一件衣服,视听资料,证据目录,起诉书8份随案移送。
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 140-نومۇرلۇق
جاۋاپكار غى**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1992-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ******** 6530221992، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى:دېھقان،سىياسى قىياپىتى:ئامما،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيە پ** يېزا ** يولى ***-نۇمۇر.
جاۋاپكار غى** قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىكىتىلگەن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان،2020-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش ۋە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە قەستەن زىيان سىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان،2020-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە قەستەن زىيان سىلىش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 8-ئاينىڭ25-كۈنى جاۋاپكار غى**نىڭ مىللى ئۆچمەنلىككە،مىللى كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش،قەستەن زەخمىلەندۈرۈش ،باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە قەستەن زىيان سىلىش دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ،زىيانلانغۇچىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
بىرىنچى قېتىم: جاۋاپكار غى** 2019-يىلى 11-ئايدىن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە زىيانلانغۇچى ئۇ**نىڭ ئاقتۇ ناھىيە تىراكتۇرزەننىڭ قارشى تەرىپىدىكى توپ تارقىتىش دۇكىنىدا ئىشلىگەن بولۇپ،جاۋاپكار غى** بۇ جەرياندا ئۇ** مىنى كۆزگە ئىلماي زاڭلىق قىلدى،ماڭا ئىشەنمەي توپ تارقىتىش ئامبىرىغا كۈزىتىش ئاپپاراتى بىكىتتى دەپ ئويلاپ ئۇ**دىن ئۆچ ئىلىش مەقسىتىدە 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 11لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى ئۇ**نىڭ ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا 1-كەنت 7-مەھەللىدىكى ئۆيىگە ئوت قويىۋىتىش مەقسىتىدە ئۆيىدىن بىر دانە سېرىق رەڭلىك چاقماقنى ئىلىپ چىقىپ ئۇ**نىڭ ئۆيىنىڭ كەينىگە كىلىپ بۇ ئۆينىڭ كەينىدىكى تىرەك بىلەن يامىشىپ ئۇ**نىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان،ئۆگزىدىن پەلەمپەي ئارقىلىق ئۇ**نىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆيىگە چۈشۈپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ سىرتىغا تارتىپ قويغان پەردىسىگە چاقماق بىلەن ئوت قويىۋەتكەن،ئاندىن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ بىرىنچى قەۋەتنىڭ سول تەرەپ بۇلۇڭدىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ سىرتىغا تارتىپ قويغان پەردىسىگە چاقماق بىلەن ئوت قويىۋەتكەن ،ئاندىن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ بۇ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئامبار ئۆيدىن بىر پارچە رەختنى تىپىپ ،ساقچىلار كىيىن كىلىپ بۇ ئوت كىتىش ھادىسىسىنى تەكشۈرگەندە توك سىمىدىن چاتاق چىقىپ ئوت كىتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالسۇن دەپ جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇپ بۇ رەختنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى توك ساندۇقىنىڭ ئىچىدىكى ۋىكىليۇچاتىلنىڭ سىمىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ بۇ رەخت پارچىسىغا چاقماق بىلەن ئوت قويىۋەتكەن ،ئاندىن ئۇ**نىڭ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ ئۆگزىدىن ئۆينىڭ كەينى تىمىنىڭ قىشىدىكى تىرەككە يامىشىپ چۈشۈپ كەتكەن،جاۋاپكار غى** زىيانلانغۇچى ئۇ**نىڭ ئۆيىگە ئوت قويىۋىتىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئوت تۇتىشىپ زىيانلانغۇچى ئۇ**نىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى بىر ئېغىز ياتاق ئۆيى ،ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئامبار ئۆيىگە ئوت كىتىپ زىيانلانغۇچى ئۇ**نىڭ 111694.66(بىر يۈز ئون بىر مىڭ ئالتە يۈز توقسان تۆت يۈەن ئاتمىش ئالتە پۇڭ)قىممىتىدىكى گىلەم،پەردە،چەرچەن مال قاتارلىق مال-مۈلكى كۆيۈپ كەتكەن.
ئىككىنچى قېتىم:جاۋاپكار غى** كىچىكىدىن باشلاپ ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا 1-كەنتتىكى بۇ**(ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) تىن دىنى تەلىم ئىلىپ ۋە ئۆزلىكىدىن«سەيئىل بۇخارى»،«ئىمان ۋە ھايات»،«تۆت چاھاريالارنىڭ خەلىپىسى»،«پەيغەمبەرلەرنىڭ بايانى»دىگەن دىنى مەزمۇندىكى كىتاپلارنى ئوقۇغان بولۇپ،بۇ جەرياندا غى**دا دىنى ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان،ھەمدە مەن خەنزۇلارنىڭ قولىدا ئىشلىسەم ئۇلار مىنىڭ پۇلۇمنى بەرمىدى مىنى ھاراق تاماكا چەكمىدىڭ دەپ زاڭلىق قىلدى،خەنزۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش،ئۇلار بىز مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەپ زاڭلىق قىلىدۇ،ئۇلار يەنە بىز مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىنى چىقىۋەتتى ۋە دىنى ئۆلىمالارنى يوقىتىۋەتتى،ئىسلام يولىدا ماڭغانلارنىڭ تەرەققىيات يولىنى توستى دەپ ئويلاپ خەنزۇلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك ئىدىيىسى كۈچەيگەن،شۇنىڭ بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 13لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار غى** قوشنىسى ئا**نىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان خەنزۇ يولداشلارنى كۆرۈپ ئۇ خەنزۇلارنى قورقۇتۇپ قويۇش مەقسىتىدە ئۆيىدىن بىر دانە چەيدۇنى ئىلىپ بۇ چەيدۇنى بىر دانە قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئوراپ قوشنىسى ئا**نىڭ ھويلىسىغا كىرىپ ھويلىدا تۇرغان زىيانلانغۇچى يۈ**نىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن قارا سۇلياۋ خالتىغا يوشۇرۇپ ئەكىرگەن چەيدۇنى سۇلياۋ خالتىدىن چىقىرىپ زىيانلانغۇچى يۈ**نىڭ سول تەرەپ بوينى قىسىمىنى چانىغان،زىيانلانغۇچى يۈ** بۇ ئۆيدىن سىرتقا قاچقاندا جاۋاپكار غى**ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ دەرۋازىنىڭ ئالدىغىچە چىقىپ يىتىشەلمىگەندىن كىيىن جاۋاپكار غى** قولىدىكى چەيدۇنى بىلىنىڭ كەينىگە تۇتۇپ يوشۇرۇپ يەنە ئا**نىڭ ھويلىسىغا قايتىپ كىرىپ بۇ ئۆيدە ئىشلەۋاتقان زىيانلانغۇچى تاڭ **نىڭ ئالدىغا كىلىپ قولىدىكى چەيدۇ بىلەن زىيانلانغۇچى تاڭ **نىڭ سول قولىنىڭ ئالقىنىنى،ئىڭىكىنىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى قىسىمىنى ۋە ئوڭ تەرەپ كۆكرەك قىسىمىنى چانىغان،زىيانلانغۇچى تاڭ ** ھويلىدىن سىرتقا قىچىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن جاۋاپكار غى** قوشنىسى ئا**نىڭ ئۆيىدىن قايتىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قولىدىكى چەيدۇنى ئۆيىگە تاشلاپ قويۇپ قان يۇقى بولۇپ كەتكەن كۆينىكىنى ئالماشتۇرۇپ بۇ كۆينىكىنى ئۆينىڭ كەينىگە تاشلىۋىتىپ ئېتىزلىق تەرەپكە قىچىپ كەتكەن، كىيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1- ماددى ئىسپات
1- يازما ئسپات
1- زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى
1- گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى
1- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى
1- باھالاش پىكىرى
1- نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى،سۈرىتى
1- ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز : جاۋاپكار غى**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 275- ماددىسى ،293-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە قەستەن زىيان سىلىش جىنايىتى،ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق ،جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق
سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى :ئابدۇسالام ئوبول
2020 -يىلى 9- ئاينىڭ 25 –كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئاقتۇ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2- جاۋاپكار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىدى.
3 –جاۋاپكار دېلو سادىر قىلىشتا ئىشلەتكەن بىر دانە چاقماق،بىر دانە چەيدۇ،بىر دانە مايكا،ئۈن-سىن ماتىرىيالى،دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى،ئەيىپلەشنامىدىن 8 دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى. نۇسقاج خ
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论