欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某谋危险驾驶案)

2021-09-26 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                                        پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ئە چىقىش (2020)650-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار: ئەXX ،ئەر ، ئۇيغۇر ، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى  تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : 1456******65212219،  نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: پىچان ناھىيە ** يىزىسى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق  ، ھازىر پىچان ناھىيە **بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپ **-نۇمۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، يەككە تىجارەتچى ، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇرۇپ ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:  

2020-يىلى 06-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 22دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپكار ئەXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، 新K**** نومۇرلۇق، «**» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ئائىلە  ماشىنىسىنى ھەيدەپ، جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ ، پىچان ناھىيە ** يولى**-نۇمۇرلۇق دىلۇ مەلۇم قىلىش نۇقتىسى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چارلاش ساقچىلېرى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ تۇتۇلغان .

شىنجاڭ«خۇاتۇڭ»ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 3566-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكىلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا جاۋاپكار ئەXXتىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى «mg/100ml265.61»دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار ؛ 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان خاتىرە - سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئەXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئەXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرى 1-تارماق 2-تۈرىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار ئەXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئەXXقا  3ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار ئەXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

 

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

2020- يىلى10- ئاينىڭ 20- كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار ئەXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: ****1870995.

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا،ئۈن-سىن دېسكىسى بىردانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top