شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 1-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 572 - نومۇرلۇق
xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكارxx، ئەر، ئۇيغۇر، 36 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011984، تۇللۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: xx شەھەر، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى xx شەھەر xx يېڭى كەنىت ئولتۇراق رايونى 44- بىنا 1- كۇرپۇس 304-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئىشسىز، 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلگەن. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۇنى باشقىلارنىڭ زەھەر(نەشە) چىكىشگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئشلار بۇيچە توختۇپ قۇيۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى (2020) 1085-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار xx 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۇنى 12:30 لار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ xx شەھەر كاڭلېي يېڭى كەنتى ئولتۇراق رايۇنى 44-بىنا 1-كۇرۇپۇس 304-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە xx، xx، xx، xxا قاتارلىقلار بىلەن بىللە زەھەر (نەشە) چەككەن .
جاۋابكار 2020-xxيىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:00 لار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭxx شەھەرxx يېڭى كەنتى ئولتۇراق رايۇنى 44-بىنا 1-كۇرۇپۇس 304-نۇمۇرلۇق ئۇيىدە xx،xx, xx بىلەن بىرگە زەھەر(نەشە) چەككەن .
جاۋابكار xx 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كىيىن 20:00 لار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ xx شەھەرxx يېڭى كەنتى ئولتۇراق رايۇنى 44-بىنا 1-كۇرۇپۇس 304-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە xx، xx، xx، xx، xx قاتارلىقلار بىلەن بىللە زەھەر(نەشە) چەككەن .
جاۋابكار ئەxx 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى چۇشتىن كىيىن 19:00 لار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ xx شەھەرxx يېڭى كەنتى ئولتۇراق رايۇنى 44-بىنا 1-كۇرۇپۇس 304-نۇمۇرلۇق ئۇيىدە xx، xx قاتارلىقلار بىلەن بىللە زەھەر(نەشە) چەككەن .
جاۋابكار xx 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۇنى چۇشتىن كىيىن 18:00 لار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭxx شەھەرxx يېڭى كەنتى ئولتۇراق رايۇنى 44-بىنا 1-كۇرۇپۇس 304-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە xx، xx قاتارلىقلار بىلەن بىللە زەھەر (نەشە) چەككەن.
ئومۇملاشتۇرغاندا، جاۋابكارxx xx شەھەر xx يېڭى كەنىتى ئولتۇراق رايۇنى 44-بىنا 1-كۇرۇپۇس 304-نۇمۇرلۇق ئۇيىدە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ بەش قېتىم xx، xx،xx، xx،xx، xx،xx، xx قاتارلىقلارنىڭ زەھەر (نەشە) چېكىشگە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن .
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكارxx يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 354-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. جاۋابكار xx مەھكىمىمىزدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشنى ئىتىراپ قىلىپ، جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار xxباشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 354-ماددا ، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :ھۈxx
2020-يىلى 10- ئاينىڭ 21-كۈنى
1› جاۋاپكار xx شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2> 8 نۇسقا ئەيىبنامە ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلوسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论