欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某等人开设赌场案件公开版)_和某某人民检察院

2021-09-23 尘埃 评论0

和某某人民检察院 

起 诉 书

和某某检公诉刑诉〔2020〕4号 

 خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىپنامىسى

                                            خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020)4 -نومۇرلۇق

  جاۋابكار ل**، ئەر، ئۇيغۇر، 1981–يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: ********6529231981، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: تىجارەتچى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر(يېزا كەنىت)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادىرىسدا ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019–يىلى 5–ئاينىڭ 8–كۇنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار ئۆ**، ئەر، ئۇيغۇر، 1979–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271979، ساۋاتسىز، كەسپى: شوپۇر،  نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر(بازار)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادىرىسدا ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019–يىلى 5–ئاينىڭ 8–كۇنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار ئې**، ئەر، ئۇيغۇر، 1987–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271987، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېقان،  نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ ** ناھىيە * بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر(يېزا كەنىت)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادىرىسدا ئولتۇرۇشلۇق،  2014-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىپ، بىر يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، قۇشۇمچە 3000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇلغان،  2019–يىلى 5–ئاينىڭ 8–كۇنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1972–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *******6528271972، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى:دېھقان،  نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر(يېزا كەنىت)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇن: ** ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019–يىلى 5–ئاينىڭ 13–كۇنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، شۇ كۈنى كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ  ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار لى**، ئۆ**، ئې**، ئە**لارنىڭ قىمارخانا ئېچىش دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››  نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى، بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى ئىككى  قېتىم ئۇزارتىلدى، دېلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە ئىككى قېتىم قايتۇرۇلدى، جاۋابكارلارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىللىك  قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات،  دىجورنى ئادۇۋۇكاتلارنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات،  دىجورنى ئادۋۇكاتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكارلار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكارلار مەزكۇر دىلودا ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

1) 2016-يىلى2-ئاي مەزگىلىدە، جاۋابكار لى**، جاۋابكار ئۆ**، ر**(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىندى)، ھې**(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىندى)لار ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت**-گۇرۇپپا**-نۇمۇرلۇق جاۋابكار ئې**نىڭ ئۆيىدە ئۈچ قېتىم قىمارخانا ئاچقان، قىمار سورىنىدا لى**، ئۆ**، ر**، ر**، ئە**، د**، ئە**، ئە**، ھې**، ئە**، ئە**(قاسساپ) قاتارلىقلار تۆۋېنى50 يۈەندىن، يۇقۇرسىنى 100يۈەنگىچە تىكىشىپ  دىڭ-دىڭ قىمار تۈرىنى ئوينىغان، بۇ ئۈچ قېتىملىق  قىمار سورونىدا جاۋابكار لى**، ئۆ**، ھې**لار ئالمىشىپ 9500 (توققوز مىڭ بەش يۈز) يۈەن چوتو يىققان، بۇ ئۈچ قېتىملىق قىمارنىڭ ئومومى دەسمايىسى 35000(ئوتتۇز بەش مىڭ يۈەن) بولغان، جاۋابكار ئې**نىڭ قىمارخانا ئېچىشقا ئۆي  تەمىنلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن 200 يۈەن توك پۇلى بەرگەن، بۇنىڭدىن باشقا جاۋابكار ئۆ** ئې**نىڭ قىمار ئويناپ قەرىز بولۇپ قالغان 1000 (مىڭ يۈەن) پۇلىنى ئالمىغان، جاۋابكار ئە** يۇقارقى ئۈچ قېتىملىق قىمار سورىنىدا قىمار سورىنىنىڭ ئىسىتىش، تازلىق ئىشلىرى، ئىچىملىك، تاماكا ئەكىرىش، تىلكامىراغا قاراپ كۈزەتچىلىك قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، جاۋابكار لى**لا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ جاۋابكار ئە**غا 2400(ئىككى مىڭ تۆت يۈز) يۈەن بەرگەن.

2)  2016-يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە جاۋابكار لى**، جاۋابكار ئۆ**، ر**، ھې**لار** ناھىيسى ** دېھقانچىلىق مەيدانى**-لىيەندىكى ھ**نىڭ توخو سوقاشتۇرۇش ئورنىدىكى ئۆيىدە ئۈچ قېتىم قىمار سورۇنى ئورونلاشتۇرغان، قىمار ئوينايدىغان سايمانلارنى ر**تەمىنلىگەن، قىمار سورىنىدا لى**، ئۆ**، ر**، ر**، ئە**، د**، ئە**، ئە**، ھې**، ئە**، ئە**(**) قاتارلىقلار تۆۋېنى50 يۈەندىن، يۇقۇرسىنى 100يۈەنگىچە تىكىشىپ  دىڭ-دىڭ قىمار تۈرىنى ئوينىغان، قىمار سورىنىدا جاۋابكار لى**, جاۋابكار ئۆ**، ھې** ئالمىشىپ 9000يۈەن چوتو پۇل يىققان، بۇ ئۈچ قېتىملىق قىمارنىڭ ئومومى دەسمايىسى 30000(ئوتتۇز مىڭ يۈەن) بولغان.

    يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى يازما ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش -ئېنىقلاش ماتىريالى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار لى**، ئۆ**لار پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، كۆپ قېتىم قىمارخانا ئېچىپ، باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەپ، چوتۇ پۇلى يىغىپ قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن، جاۋابكار ئې**باشقىلارنىڭ قىمارخانا ئېچىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بىرىپ،  قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئىرىشىپ، قىمارخانا ئېچىشقا ياردەملەشكەن، جاۋابكار ئە** قىمار سورىنىغا مۇلازىمەت قىلىش،  يىمەك-ئىچمەك تەمىنلەش، كۈزەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا باشقىلارنىڭ قىمارخانا ئېچىشىغا ياردەملىشىپ، قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئىرىشىكەن، جاۋابكارلارنىڭ قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 303-مادىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. 

جاۋابكار لى**، ئۆ**، ئې**، ئە**لار بىرلىشىپ دىلو سادىر قىلغان بولۇپ، <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 25-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن ئورتاق جىنايەتچىگە تەۋە. شۇڭا جاۋابكار لى**، ئۆ**، ئې**، ئە**لارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

                                  ھۆرمەت بىلەن :

                          خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                                        تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى

                                   2020-يىلى1-ئاينىڭ14-كۈنى

قوشۇمچە:

1) جاۋابكار لى**، ئۆ**، ئې** ئە**لار ** ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2) ج خ تەھقىقلەش ئارخىپى ئۈچ توپلام، نۇر دىسكا ئىككى دانە.

3) ئەيىبنامە 23نۇسخا.

4) جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى تۆت نۇسخا. 

5)ئالماشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئۈچ نۇسخا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top