شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 98- نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئېXX ، ئەر،ئۇيغۇر،36 ياش ،كىملىك نومۇرى: 652922198411202253 ، ئاقسۇ شەھەر خXX ئولتۇراق رايۇنى X-بىنا X كورپۇس XX –نۇمۇر. مەدەنيەت سەۋىيىسى: تۇلۇقسىز ، كەسپى : دىھقان ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى توپلىشىپ جەمىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 4 يىل كېچىكتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان. خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 05–ئاينىڭ 15-كۈنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىكىگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى (2020) 587-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۇنى سائەت 01:15 لەردە ئېXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھەر مXX رىستۇراننىڭ يىنىغا توختۇتۇپ قويغان 新N6XXXE نۇمۇرلۇق ماشنىنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەرتۆتىنىچى ئوتتورا مەكتەپنىڭ يىنىدىكى بىخەتەرلىك توسىقىغا ئۇسۇۋالغان ،شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى ئXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 225.52 مىللىگىرام بۇلۇپ( mg/100ml225.52) مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئاXX
2020- يىلى 6- ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论