شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 482- نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 35 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXXX0811، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، XXشەھىرى XXيېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دېھقان، ساۋاتسىز، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (2020) 841-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 03-ئاينىڭ 20- كۇنى21:50 لەر ئەتىراپى جاۋابكار ئەXX ھاراق ئىچىپ 新NXXX7D نۇمۇرلۇق ماشنىنى ھەيدەپ XXشەھەر XXباشقۇرۇش تەۋەلىكى XXئاھاللار كومتىتى XX-گۇرۇپنىڭ يولىدا كېتىۋېتىپ ماشنىنىڭ ئالدىدا توكلۇق موتسىكىلىت مىنىپ ماڭغان زىيانلانغۇچى ۋېيXX بىلەن يول تالىشىپ جاۋابكار ئەXX مۇش بىلەن زىيانلانغۇچى ۋېي XX يۇزىگە ئۇرۇپ سول كۆزىنى زەخمىلەندۇرگەن.
زىيانلانغۇچى ۋېي XXنىڭ زەخمىسىنى يىنىڭ 2-دەرىجە زەخمە دائىرسىگە كىرىدۇ دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يىنىك) جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئاXX
2020- يىلى 9- ئاينىڭ 22-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论