شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 811- نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 32 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXX2556، يۇرتى XXشەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى XXشەھىرى XXبازار XX كەنىت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى XXجىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇيۇپ بېرىلگەن. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى (2020) 1207-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 19 لەر ئەتىراپىدا جاۋابكار ئەXX XXبازىرى XXيولىغا جايلاشقان XXئارامگاھىدا بىر نەچچە دوستىلىرى بىلەن 2020-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 1 لەرگىچە بىللە ھاراق ئچىپ ئۇ يەردىن ئۈزى يالغۇز يېنىپ چىقىپ، ئىككى چاقلىق توكسكلتىنى ھەيدەپ XXبازار بەخىت يولىغا جايلاشقان XXتىز تاماقخانسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توكسلكتىنى 50 مىتىر يىراقلققا توختۇتۇپ قۇيۇپ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىدە XXتىز تاماقخانسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاشخانىنىڭ ئەينەك ئشىكنىڭ تاقاق تۇرغانلىقنى كۈرۈپ، ئەينەك ئىشكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ، ئاشخاننىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىشىكنىڭ يېندىكى ئۈستەلنىڭ تاتمىسنى ئاختۇرۇپ پۇل تاپالمغاندىن كىيىن، ئاشخاننىڭ ئىچدىكى كۈزتىش ئاپىراتىنى كۈرۈپ، بايقىلىپ قىېلشىتىن قورقۇپ، كۈزتىش ئاپراتنى ياغاچ كەلتەك ئارقلىق كۈرۈنمەس رايۇنىغا توغۇرلاپ قويۇپ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى XX ماركلىق، 8T سىغىمدىكى، 1150 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە XXئاپىراتنىڭ ئاساسى ماشنسى ( XX) نىڭ سىملىرىنى ئۈزۈپ، XXئاپراتىنىڭ ئاساسىي ماشنىسنى ئوغۇرلاپ چىقىپ XXبازار XX-كەنىت XX-گۇرۇپقا جايلاشقان ئېرىقنىڭ ئىچىگە تاشلۋەتكەن. دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. شۇڭا جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئاXX
2020- يىلى 11- ئاينىڭ 14-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论