خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019)495-نومۇرلۇق
جاۋابكار س**، ئەر،ئۇيغۇر، 1976-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: ********6528271976، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: خېجىڭ ناھيە ** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **نۇمۇر، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ23-كۈنى توپلىشىپ قىمارئويناش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغان ئېلىنغان، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: خېجىڭ ناھيە** بازىرى ** كەنىت **-گۇرۇپ **نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھازىر خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكار س**نىڭ قىمارخانا ئېچىش دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان ، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى، بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى دېلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە بىر قېتىم قايتۇرۇلۇپ، خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى9 -ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، 2019-يىلى10–ئاينىڭ4-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى، جاۋابكارس** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
1. 2014-يىلى 11-ئايدىن 2014-يىلى 12-ئايغىچە ئا** (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى)بىلەن ئە** (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى)بىرلىشپ خېجىڭ ناھىيە ** بازىرى ** تاللا بازىرى ئۈستى 2-قەۋەتىدىكى ‹** قەرتخانسى›دا جەمئىي بەش قېتىم قىمار قىمار سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان ،بۇ جەرياندا خ**(ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى)، ي**، جاۋابكار س** ماشىنىدا ۋە دېرىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ كۈزەتچلىك قىلىشقا ، قىمار سورۇنىغا يىمەك-ئىچمەك تەمىنلەشكە، ھەمدە ساقچىلاردىن مۇداپىيلىنىشقا مەسئۇل بولغان، ئا** خ**غا كۈنلىكى 200يۈەن، جاۋاپكار س**غا كۈنلىكى 100يۈەن بەرگەن، قىمار سورۇندا ئا**بىلەن ئە** ئىككىسى30مىڭدىن 60مىڭ يۈەنگىچە يۇقۇرى ئۈسۈملۈك پۇل تارقاتقان، ھەمدە قەرىز پۇل ئالغانلارغا 1000يۈەنگە 100 يۈەن ئۆسۈم سومما بويىچە تارقاتقان، قەرىز مۆھلىتىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە قىلىپ بېكىتكەن، سورۇندا ئاساسلىقى دىڭ- دىڭ قىمار تۈرىنى ئوينىغان، تۆۋېننى 200يۈەن، يۇقىرىسنى 500يۈەن بىكىتىپ ئوينىغان، ئاندىن چوتانى ئە** بىلەن ئا** ئىككىسى ھەر بىر قېتىم چۇ چۈشسە 100يۈەندىن ئېلىپ ياندىكى قەلەي ساندۇققا سالغان، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورۇنىدا 3000يۈەندىن كۆپرەك چوتا يىققان، بەش قېتىملىق قىمار سورۇندا ئا**، ئې**، غ**، سى**، ئۆ**، تۈ** ، ئا**، ئۆ**، چى** قاتارلىقلار قىمار ئوينىغان، سى** ئسىمىك موڭغۇل بەش قېتىملىق سورۇندا 90مىڭ يۈئەن قەرىز بۇلۇپ قېلىپ قەرىزنى قايتۇرالمىغان، جەمئى بەش قېتىمدا 15000يۈەن ئەتراپىدا چوتا يىققان، بەش قېتىمدا قىمار سورۇنىدا قىمار دەسمايىسى جەمئي 150000يۈەن بولغان.
2. 2015-يىلى 12-ئايدا ئا** خېجىڭ ناھىيە ** بازىرى **ساريىنىڭ ئىككىنچى قەۋېتدە چايخاننى ئىجارە ئېلىپ ئۈچ قېتىم قىمار سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان، بۇ جەرياندا ئې** (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى)بىلەن جاۋاپكارس** ئىككەيلەن چايخاننىڭ سىرتىدىكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۈزەتچلىك قىلغان، باشقىلار قەرتخانىغا كىرمەكچى بولغاندا ئا**غا كىرسە بۇلىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ھەمدە ساقچىلاردىن مۇداپىيلىنىشقا مەسئۇل بولغان، خ**ئا**نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ئىچىدە قىمار ئوينىغانلارغا چاي، ئىچىملىك، تاماكا تۇشۇغان، كۈنلىكىگە300يۈەندىن 500يۈەنگىچە ھەق بەرگەن، قىمار سورۇنىدا ئا**ھەر بىر قېتىمدا 40مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىرىپ يۇقۇرى ئۈسۈملۈك پۇل تارقاتقان، ھەمدە قەرىز پۇل ئالغانلارغا 1000يۈەنگە 100 يۈەن ئۆسۈم بويىچە تارقاتقان، قەرىز مۆھلىتىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە قىلىپ بېكىتكەن، سورۇندا ئاساسلىقى زاجىنخۇا قىمار تۈرىنى ئوينىغان. تۆۋېننى 100يۈەن يۇقۇرسىنى 200يۈەن بىكىتىپ ئوينىغان، ئاندىن ئا** بىلەن خ** چوتانى ھەر بىر قېتىمدا 100يۈەندىن ئېلىپ ياندىكى قەلەي ساندۇققا سالغان، ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورۇنىدا 10مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چوتا يىققان، بۇ ئۈچ قېتىملىق سورۇندا ئا**، لۇ **، ئو**، يۈن** قاتارلىقلار قىمار ئوينىغان بۇلۇپ، قىمار سورۇنىدا قىمار ئويىنغانلار ئۇتتۇرۋەتسە قەرىز ئېلىپ ئۇتىۋالسا قايتۇرۇپ ئوينىغان، بۇ جەرياندا ئا** ئو**كە 20مىڭ يۈەن، لۇ **گە 70مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا قەرىز تارقاتقان. بۇ سورۇنغا كەلگەنلەرنى ئا** تېلفۇن قىلىپ چاقىرتقان. ئۈچ قېتىمدا جەمئىى30000 يۈەن ئەتراپىدا چوتا يىققان، ئۈچ قېتىملىق قىمار سورۇنىدىكى جەمئىي قىمار دەسمايىسى 150000يۈەن ئەتراپىدا بولغان .
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى يازما ئىسپاتلار،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق مەيدان تەكشۈرۈش -ئېنىقلاش ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار س** كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ قىمارخانا ئېچىشىغا ياردەملەشكەن. قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 303-مادىسىنىڭ 2- تارمىقىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭا جاۋابكار س**نى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى
2019-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى
قوشۇمچە:
1) جاۋابكارس** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2) ج خ تەھقىقلەش ئارخىپى بىر توپلا، نۇر دىسكا بىر دانە.
3) ئەيىبنامە سەككىزنۇسخا.
5)ئالماشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى بىر نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论