شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ج ئىئە چىقىش (2020) 581-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار : سۇ**، ئەر، ئۇيغۇر،تۇغۇلغان ۋاقتى : 19**-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى ، كىملىك نومۇرى :65212219******2711، نۇپوس تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ پىچان ناھىيە**بازىرى**كەنت 1-گۇرۇپپا54-نومۇر ،ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: پىچان ناھىيە** بازىرى **كەنت 1-گۇرۇپپا 54-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسىپى دىھقان،2017-يىلى3-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ 4ئاي كىچىكتۇرۇپ جازالانغان. سۇ** خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىل 1-ئاينىڭ14-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 9-ئاينىڭ 24- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار سۇ**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق .دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019-يىلى12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 20 دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋابكار سۇ** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتەپىراۋىسىز ھالدا新疆K0**نومۇرلۇق يېزائىگىلىك ماشىننى ھەيدەپ ،شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ يول ئىگەللەپ مىڭىپ ، پىچان ناھىيەلەمجىن بازىرى 2-ئۇتتۇرا مەكتەپ ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ،غەرىپتىن شەرىققە قاراپ كىتىۋاتقان جاڭ **ھەيدىگەن 新A7**نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشنا بىلەن سوقۇلغان ، نەتىجىدە ھادىسىدە ئادەم يارلانماي ، قاتناش ۋاستىلىرى زىيانغا ئۇچراشتەك قاتناش ھادىسىسى سادىرقىلغان.
شىنجاڭ«خېڭجىڭ»ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 527-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇككالتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا جاۋابكار سۇ**نىڭ ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدار276.2mg/100mlدەپ يەكۇن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2.گۇاچىلارنىڭ گۇاھلىق سۆزى ؛3.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛4. باھالاش يەكۈنى؛ 5.نەق مەيدان ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار سۇ** ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار تېز كىسىم چىقىرش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار سۇ**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار سۇ** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار سۇ**قا 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ئابلىتىپ ئىسساق
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار سۇ** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
1. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىنى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论