欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(莫某某诈骗案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 108–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋاپكار مۇ**، ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نومۇرى: ******** 6501021983. تولۇق كۇرۇس مەلۇماتلىق، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: **شەھەر **رايونى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئۆي. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: **شەھەر **رايونى ** رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە. بۇ قېتىم 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالدامچىلىق قىلمىشىغا چېتىشلىق دەپ  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان.  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىز  ئالدامچىلق جىنايىتى  بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مۇ**نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 21-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلونى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر قېتىم تولۇقلاشقا قايتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1.2018-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋابكار مۇ**زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يا**نىڭ **شەھىرى **رايونى **يولى **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە c1 تىپتىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ جەمىي 25 يۈئەن نەق پۇلنى ھۆججەت يېزىپ بېرىپ ئالداپ ئېلىپ ئىشنى ھەل قىلماي پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.

    2. 2018-يىلى 9-ئايلاردا جاۋابكار مۇ**  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ **شەھەرلىك ** رايونى **قۇرۇسىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ  جەمىي 15 مىڭ يۈئەن نەق پۇلنى   ئۇندىدار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىپ ئىشنى ھەل قىلماي پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.

3. 2019-يىلى 7-ئايلاردا جاۋابكار  مۇ** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئە**نىڭ **يولىدىكى ئۆيىدە   2c تىپتىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ  3 مىڭ يۈئەن پۇلنى ئۇندىدار ئارقىلىق ئېلىپ ئىشنى ھەل قىلماي پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.

4. 2019-يىلى 2-ئايلاردا جاۋابكار  مۇ** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈ**نى شوپۇرلۇق ئىمتىھاننىڭ 1- ۋە 2- تۈر ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ **نىڭ ئالدىدا 4000يۇەن  پۇلنى نەق ئالغان.قالغان 2200يۇەننى ئۇندىدار ئارقىلىق ئېلىپ ئىشنى ھەل قىلماي پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.

  جاۋابكار مۇ** تۆت قېتىمدا باشقىلارنىڭ جەمئى 49200يۇەن پۇلىنى ئالداپ ئالغان بولۇپ دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بارلىق زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن.

  جاۋابكار مۇ**  2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى تىيانشان رايونلۇق جىنايى ئىشلار 3-ئەترىتىگە چاقىرتىلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار مۇ**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، 

2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يا**،ئا**،ئە**،گۇل**نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكارمۇ**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، ھۆججەت ،ئۇندىدار خاتىرىسى، پۇل قايتۇرغانلىق ھۆججەت.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مۇ**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ،باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                 تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                                 تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ھۈسەنجان 

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار مۇ** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قامخانىدا قاماقتا؛

2.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.​ ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىپى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

4.​ جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top