乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕X号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) –نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار سX، ئەر، ئۇيغۇر، X-يىلى X-ئايىنىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652928XXXX، ئاقسۇ شەھرى X ئاھالىلار X X يولى غەربى X-كۇچا X-نومۇر X-گۇرۇپپا X-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئاشپەز، ئىلگرى جازالانمىغان. 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار سXىىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق .
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار سX X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى ئۆزنىڭ X نومۇرلۇق ئۈندىدارىدا دوسلار چەمبىرىكىگە «سافا، تاماق ئۈستىلى، كىيىم ئىشكاپى، گىرىم ئۈستىلى، كارۋات» قاتارلىق ئۆي جازىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى چىقىرىپ «بىر كۈنلۈك پالىيەت ئېلىپ باردۇق، ئالاھىدە باھا 4000.00يۇەن» دېگەن ساختا ئېلاننى چىقارغان ، X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى زىيانلانغۇچى زX بۇ ئېلاننى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ X X نومۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار سX بىلەن 4000.00يۈەنگە سېتىۋالىدىغانغا دېيىشىپ، ئۆزنىڭX X نۇمۇرلۇق ئۈندىدارىدا 4000.00 يۈەن پۇلنى جاۋابكار سXنىڭ X نومۇرلۇق ئۈندىدارىغا يۆتكەپ بەرگەن، جاۋابكار سX پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ، قايتۇرۇپ بەرمىگەن ياكى مالىنى سېلىپ بەرمىگەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن . جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېلىكتىرونلۇق ماددى ئىسپات تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار سXنىڭ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەندى.
تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق
پۈتۈكچى: ئالىمجان ئۆمەر
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومىرى: XX
(3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يولل
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论