欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(衣某某涉嫌盗窃罪一案)

2021-09-23 独角龙 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 

ئەيىبلەشنامىسى

                     ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )  960   -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار ئىXX ، ئەر ، 1981-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى توغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : XXXXXXXX6528011981، ئۇيغۇر ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىگە ئىگە، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ كورلاشەھىرىXX يولى XX XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر، قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : كورلا شەھىرى XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نۇمۇر .مۇقىم كەسپى يوق. ئىلگىرى جازالانغان. 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2020-يىلى9-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.شۇ كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا.

جاۋاپكار ئىمام ياسىننىڭ ھازىرچە ئاقلۇغۇچى ئادۇكاتى يوق.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار ئىXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.زىيانلانغۇچىغا دەۋادىكى ھۇقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ،پىكىرىنى ئالدۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكارنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

جاۋاپكار ئىXX 2020-يىلى09-ئاينىڭ 08-كۈنى  سائەت 17 لەر ئەتىراپىدا ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئەتراپنى ئايلىنىپ،كورلا شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنىنىڭ كەينىدىكى ئوبلاستلىق XXقۇرلۇش بېزەكچىلىك چەكللىك شىركىتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، شۇ يەرگە توختۇتوپ قويغان  زىيانلانغۇچى بXXنىڭ بىردانە قىزىل رەڭلىك ، ئىككى چاقلىق ، پىداللىق ، ئايالچە ، پەيلىسى ماركىلىق توكسىلىتىنىڭ سىملىرىنى چېتىپ ، ئوت ئالدۇروپ ، ئوغۇرلاپ كەتكەن .                                                  

كورلا شەھەرلىك مال –باھادا ئىسپات بېرىش مەركىزنىڭ {2020}101-نۇمۇلۇق دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار ئوغرىلىغان بىردانە قىزىل رەڭلىك ، ئىككى چاقلىق ، پىداللىق ، ئايالچە ، پەيلىسى ماركىلىق توكسېكىلىتنى 1440يۈەن باھالىغان.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، نەق مەيدان سۆرئىتى ۋە خەرىتىسى، باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئىXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئىXX قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسى قوللۇنۇپ،بىر قېتىمدا باشقىلارنىڭ 1440 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان بۇلوپ، سوممىسى كۆپرەك ، قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئسپاتى تولۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك .جىۋاپكار جىنايىتىنى تۇنوپ، جازانى ئېتىراپ قىلغان بۇلوپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسىدىكى بەلگۈلمە بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدو. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ئىXXنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق ،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن : 

            كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

             

     تەپتىش : يۈسۈپجان مەمەت

                           ھەمراگۈل ياسىن

                                             2020-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 

ئەسكەرتىش :  

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ، ئون نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .  

 (2) جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى ئىتراپ قىلىش تىل خىتى بىر نۇسخا.

(4) جاۋاپكار ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top