شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕504-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئىx،ئەر،ئۇيغۇر، 1978-يىلى**- ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كملىك نۇمۇى: **********6529231978،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،دېھقان،شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇغى: كۇچا ناھىيە ****بازار **** كەنىت **-گورۇپپا ****-نۇمۇرلۇق قورو،ئىلگىرى جازالانمىغان.
ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۇچۇن،2019-يىل12-ئاينىڭ09-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىللىككە بېرىلگەن،2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1 -كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن كېپىللىككە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕180-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار ئىxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى5- ئاينىڭ25-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جىنايەت گۇماندارى ئىx 2019-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ كۇچا ناھىيە ** يېزا يېزىلىق ھۆكۈمەتتە خەلىق ئەسكىرى بۇلۇپ ئىشلگەن،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 03:00 لەر ئەتراپىدا ئاغى يېزىلىق ھۇكۇمەتنىڭ خەلىق ئەسكەرلىرىگە مەسئۇل كادىرى تxنىڭ يىتەكچىلىكى بىلەن ئىx قۇشۇلۇپ 10 نەچچە خەلىق ئەسكىرى** يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىگە كىنو كۈرۈشكە چىقىشنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئىx كىنو كۆرگىلى باشقا خەلىق ئەسكەرلىرىكەرلىرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ** يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ 2-قەۋەتكە چىقىپ، ئىككنچى قەۋەت كاردۇردىكى تىلفۇن قۇيىدىغان ئىشكاپنىڭ قېشىدىن ئۇتۇپ كىتىۋاتقاندا ،ئىشكاپنىڭ ئىچىدە زىيانلانغۇچى مxنىڭ تېلفۇنى سايرىغان، ئىx سايرىغان تىلفۇننى ئوغۇرلىۋېلىش مەقسىتىدە ئىشكاپنىڭ ئىچىدىن ****** تىپلىق 6595 يۈەن قىممىتىدىكى يانفۇننى ئوغۇرلاپ ئېلىپ ئاغى يېزىلىق ھۇكۇمەت خىزمەت بىناسىنىڭ كەينىدىكى كۆلنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ تىلفۇننىڭ ئىچىدىكى سۆزلىشىش كارتىسىنى چىقىرىپ كارتىنى تاشلىۋېتىپ ، تىلفۇننى سۇ قۇدىقىنىڭ يېنىغا تاشنىڭ ئارىسىغا يۇشۇرۇپ قۇيغان ، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاش پىكرى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك، جاۋابكار ئىxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ئىxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى6-ئاينىڭ 4-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار ئىxئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ھازىر ئائىلىسىدە .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە ،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论