欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(西某某危险驾驶案)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىپلەش چىقىش (2020) 199 - نومۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار شXX، ئەر، ئۇيغۇر، 43 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011976XXXXXXX، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى XX-كەنىت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دېھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020– يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى (2020) 311-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 01:35 لەردە جاۋابكار شXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر XX بازار XX-كەنىت «XX» مۇزىكىلىق رېستۇرانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ XX بازار XXنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار شXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە شXXنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 114.62 مىللىگىرام (100ml\114.62mg) بۇلۇپ مەست ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار شXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكارغا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمسى بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك .جاۋابكارنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارغا بىر ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش ھەم جازا كېچىكتۈرۈش ، قۇشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 172-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن، تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش :تXX

تەپتىش : ئاXX

2020- يىلى 3- ئاينىڭ 25-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top